3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭشەلگەن كۈن بولۇپ، بۇ ئالاھىدە كۈن پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمىدۇر.
بۇ يىلمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى 2008-يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ پايتەختى ئېلان قىلىنغان كاستومۇنۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
نورۇز پائالىيىتىگە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. نورۇز بايرىمىغا ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، كافكازىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتتى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە سىراجىدىن ئابدۇلكېرىم، ئابدۇلھافىز ئابلەت قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سۆز قىلدى ۋە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
21-مارت كۈنىدىكى نورۇز مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى، نورۇزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئامېرىكا قىتئەسىگىچە بولغان دائىرىدىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر تەبرىكلەيدىغان مىللىي بايرام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، 21-مارت كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغىچە بولغان ئورتاق مەدەنىيەت زېمىنى ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈن. نورۇز بايرىمى پەقەت بۇ يەرلەردىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، تۈركىيەدىن سىبىرىيەگىچە، موڭغۇلىيەدىن ئامېرىكىغىچە يېڭى بىر ئويغىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. بىز ئۈچۈن نورۇز پەقەتلا مەۋسۇمنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئەمەس. نورۇز بايرىمى مىڭ يىلدىن بېرى تىرىلىشنى، بەرىكەتنى، ئىتتىپاقلىقنى ۋە قېرىنداشلىقنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.»
كېيىن نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى. بىز پائالىيەت ھەققىدە تېخى تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن سىراجىدىن ئابدۇلكەرىم ئەپەندى 21-مارت كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى بىلەن باش مىنىستىرىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان خەتنى ئۇلارغا بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
كاستومۇنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر خانىم، 21-مارت كۈنى باشقا تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سىراجىدىن 'ئەپەندى نورۇز بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 22-مارت كۈنى كاستومۇنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
1992-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكتە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى دېگۈدەك نورۇز پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان كاستامونۇ شەھىرىدە 18 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە قاتناشقان زور كۆلەمدىكى نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۇيغۇرلاردىكى نورۇز ئەنئەنىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. سۈبھىنۇر خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئابدۇلھافىز ئابلەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 100 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى، بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە كېيىنكى 5 يىلدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر يىلى بىر شەھەرنى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئېلان قىلىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر شەھىرى، تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋى شەھىرى، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرى «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى» ئېلان قىلىنغان ئىدى.
0:00 / 0:00