ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىيات مەسىلىلىرى قازاقىستان ئالىملىرى تەتقىقاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.01.26
Alimjan-hemrayef-Almata.jpg مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف(ئالدىنقى رەت، سولدىن بىرىنچى). 2016-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە «21-ئەسىردىكى دۇنيا ئەدەبىيات جەريانى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىق قىلىنغان. مەزكۇر ئەمگەك مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ شۇ ماۋزۇدىكى ئىلمىي لايىھەسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۆز تارىخىدا بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. ھازىرقى زاماندا، يەنى 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىي ئېتىۋاتقان بولۇپ، شائىر ۋە يازغۇچىلار تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق ۋە باشقىمۇ ئىسمى دۇنياغا مەلۇم بولغان كۆپلىگەن ئەدىبلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ شەكىل ھەم مەزمۇن جەھەتتىن يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرى قازاقىستاندىكى ئىلمىي مەركەزلەرنىڭمۇ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا. مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىنستىتۇتنىڭ ئانالىتىكا ۋە تاشقى ئەدەبىي ئالاقىلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى سۋېتلانا ئانانىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كىتاب ئىنستىتۇتنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىلمىي لايىھىلىرى نەتىجىلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى دۇنيا ئەدەبىياتى بويىچە دەسلەپكى كىتاب 2008-يىلى نەشر قىلىنغان بولسا، ئىككىنچى كىتاب يېڭى چەتئەللەر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ بېلارۇسىيە، گرۇزىيە، قىرغىزىستان، لىتۋا، تاتارىستان، ئۆزبېكىستان، شوتلاندىيە، ئىران ۋە فىنلاندىيە بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭمۇ زامانىۋى ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۋېتلانا ئانانىيېۋا بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇراجىئەت قىلىپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە 2003-يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان قازاقىستان خەلقلىرى ئەدەبىياتى ھەققىدە كوللېكتىپلىق ئەمگەكتە 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئوبزور بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان زامانىۋى قازاقىستان ئەدەبىياتى توپلىمىغىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كىرگۈزۈلۈپ، مەزكۇر قىسىمنى ئالىمجان ھەمرايېف يېزىپ چىققان ئىدى. سۋېتلانا ئانانىيېۋا 21-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان كىتابتىكى ئۇيغۇر ئېلى ئەدەبىياتى قىسمىنىمۇ ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئورۇنلاپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شوئار ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىمىز تارىخىدا دەسلەپ قېتىم تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان قىسىمنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا ئالىم بۇ كىتابقا كىرگەن ئەسەرلەرنى ھەم تەرجىمىدە، ھەم ئەينى نۇسخىسىدا ئوقۇيالايدىغان بولغان، يەنى بۇ ئەدەبىيات تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان. ئا. ھەمرايېف بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بولۇپمۇ لىرىكىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. لىرىكىلىق ئەسەرلەردە تەبىئەت كۆرۈنۈشى ئەركىنلىك سىمۋولى ۋە ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ سوتسىيالىستىك موتىۋلار ۋە ماۋزۇلارنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىر قاتاردا بۇ ئاجايىپ بىر ئەدەبىيات تەرەققىياتىدا يېڭى ئۇسۇللارنىڭمۇ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ».

سۋېتلانا ئانانىيېۋا ئاپتورنىڭ بىر قاتار شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى مىسالىدا شېئىرىيەتنى بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەرىپىدىن تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى، كېلەچەكتە ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ مۇشۇ يەردىلا توختاپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەكشۈرۈش يۆنىلىشلىرىنى ئېنىقلاپ، كېيىنكى يېڭى ئىلمىي لايىھىلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىمجان ھەمرايېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دەۋردە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز يېڭى رېئاللىق بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ. سەۋەبى شەخسنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئىدىيىۋى مەۋقەسى تۇراقسىزلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەدەبىي ئېقىملارنى ھەر خىللاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەقىدىلىرىدە قارىمۇ-قارشىلىقلار پەيدا بولىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، كونا ماۋزۇلار دائىرىسى تارىيىپ، يېڭى ماۋزۇلارغا ئالمىشىدۇ. بۇنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. مېنىڭ قارىشى، بويىچە، 80-يىللاردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئەدەبىيات ئۈچ خىل باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى».

ئالىمجان ھەمرايېف 1989-يىلدىن باشلاپ 2008-يىلغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدىي رېئالىزم تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى رېئالىزملىق ئۇسلۇبنىڭ، گۇڭگا، يەنى يېڭى مودېرنىستىك مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇشۇ كۈنگىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان يۆنىلىشلەرنىڭ، ئۇسلۇبلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇيغۇر شائىر ھەم يازغۇچىلىرىنىڭ ئەنە شۇلارغا ئەگىشىپ يېڭىچە ئەسەرلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى ئەدەبىياتىدا ئىلمىي تەقىقاتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان كۆپلىگەن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.