تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا تارقىتىلىۋاتقان مېدالنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىگە تۆھپە قوشقانلار مېدالى» ئۇيغۇر قىزى ئاسىيە قاراقاشقا بېرىلدى.
«ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى تۈركىيەدىكى كىشىلەرنى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن، بولۇپمۇ بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلارغا تارقىتىلىدىغان مېدال تەسىس قىلىنغان. 4-قېتىملىق مېدال تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يىل 11-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنلەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
ئۇيغۇر قىزى ئاسىيە قاراقاشقا مېدالنى پارلامېنت ئەزاسى ئارزۇ ئەردەم خانىم تەقدىم قىلدى. مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان كىشى ئاسىيە قاراقاشنىڭ ئىسمىنى مۇنداق ئېلان قىلدى: «ئۇنى يىللاردىن بېرى تونۇيمەن، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قىزى، رەسىم تارتىش سەنئەتكارى ئاسىيە قاراقاش خانىمغا مەدەنىيەت-سەنئەت مېدالى بېرىلدى».
ئاسىيە قاراقاش مېدالنى ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ مېدالنى ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبى، قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نامىدىن ئالغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن».
«تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت-سەنئەت مېدالىغا» ئېرىشكەن ئاسىيە قاراقاش خانىم بىزنىڭ «مېدالنى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قولىدىن ئېلىپسىز، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن كۆچمەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئاتا-ئانامدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم. مىللىتىم ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەرسەم دەپ ئويلاپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتەپتىكى يىغىلىشلاردا، ئولتۇرۇشلاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشقا باشلىدىم. كېيىنچە رەسىم تارتىشقا باشلىدىم، ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا، يىغىنلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىدە رەسىم تارتىپ بۇلارنى كۆرگەزمىلەردە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشقا باشلىدىم. رەسىم ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم تۈپەيلى بىر قانچە قېتىم ‹مەڭگۈ تۈرك تېلېۋىزىيەسى› گە چىقتىم، مەزكۇر پروگراممىلاردا كەسپىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىمۇ ئاڭلاتتىم. مەن مىللىتىمگە قىلغان خىزمىتىم ئۈچۈن بۇنداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ نامىمدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار نامىدىن بۇ مۇكاپاتنى ئالدىم.»
ئاسىيە قاراقاش مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتىكى رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىگە ئوخشاش سەنئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېخنولوگىيە زور تەرەققىي قىلغان بۇ كۈنلەردە رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى سۆز بىلەن بايان قىلغاندىن رەسىم بىلەن كۆرسەتسەك ئۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، كۆرگۈچىنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كېتىدۇ. شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە سەنئەت كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدىمۇ، مۇئەللىم تاپشۇرۇق بەرسە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى رەسىمگە تارتىپ ئىشلەيتتىم، ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر دەۋاسىنى بۇ يول بىلەن ئاڭلىتىشقا باشلىدىم. مەن تارتقان رەسىملىرىمنى كۆرگەزمە قىلىپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەنمۇ تارقىتىۋاتىمەن. ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتا بۇلاردىن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا چاقىرىمەن».
ئۇيغۇر قىزى ئاسىيە قاراقاش پۈتۈن سورۇنلاردا ئەتلەس كۆڭلەك، ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن كۆرۈنىدۇ. ئۇ، 1993-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلىيەلەيدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «تىلىمىز، كىيىم-كېچىكىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىز. شۇڭا ئاتا-ئانىمىز بىزنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئۇيغۇرلار بارغان سورۇنلارغا بارساق ئۇيغۇرچە كىيىنىپ بارىمىز. شۇڭا مەن ھەرقانداق مۇراسىمغا قاتناشسام ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن دوپپا كىيىپ بارىمەن. شۇڭا مەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمەن».
تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلغانلارغا تارقىتىلىۋاتقان بۇ مېدالنى تارقىتىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلغان.
ئۇ، مۇراسىمدا باشتىن ئاخىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇراسىمنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان تەرىپى باشتىن-ئاخىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. ئۈلكۈ ئوچاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىمۇ نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. بۇ خىل پائالىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم».
مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئورخان بوزقۇرت ئەپەندى مۇراسىمغا ئۆزىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئاسىيە قاراقاشنىڭ 10 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
«تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلار مېدالى» بۇ يىل، ئەدەبىيات-سەنئەت، سىياسەت، تەنتەربىيە ۋە ئاخباراتچىلىققا ئوخشاش 15 ساھەدە تۆھپە قوشقانلارغا تارقىتىلغان بولۇپ، مۇكاپات ساھىبلىرى مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىلگەن ئون مىڭلىغان كىشى ئىچىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بېلەت تاشلاش يولى بىلەن تاللىنىدۇ.
0:00 / 0:00