قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا
2015.01.28
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىن ئۈزۈلۈپ تۇرغىنىغا قارىماستىن، ئۆتمۈش تارىخىنى، تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭ دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف رەھبەرلىكىدىكى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، رازىمەنلىك يۆنىلىشىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىچكى سىياسىتى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستانلىقلار 2015-يىلى قازاق خانلىقىنىڭ 550 يىللىقىنى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 20 يىللىقىنى، مەملىكەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ 20 يىللىقىنى نىشانلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، شۇ مەقسەتتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چېلەك تەۋەسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى باش قوشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرىنى ياد ئېتىش، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تىكلەش، دوستلۇق ۋە رازىمەنلىك قەدرىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنى يۈرگۈزمەكتە.
25-يانۋاردا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر. مەزكۇر مۇراسىمنىڭ بىرىنچى قىسمى مەرىپەتچى، شائىر ۋە جامائەت ئەربابى، «جاسارەت»، «ئاق تېرەك»، «ئويۇندىن بىلىمگە» قاتارلىق شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورى ھېبىبۇللام گايىتوفنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلاندى. ئۇنىڭدا ئەدىبنىڭ تەرجىمە ھالى ۋە ئىجادىيىتى توغرىلىق دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. ئىككىنچى بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تويىغا بېغىشلانغان كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قورام يېزىسى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا مەزكۇر مۇراسىمنىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.