دارىما دورژىيېۋا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقاتىنى ياۋروپا ۋە ئا ق ش ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا داۋاملاشتۇرماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.07.26

رۇسىيىلىك تەتقىقاتچى دارىما دورژىيېۋا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتىنى ياۋروپا ۋە ئا ق ش ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يەنىمۇ داۋام قىلىشنى كۆزلىمەكتە. ئۇ يېقىندا موسكۋادا « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارلىق بايراملىرى ۋە ئەنئەنىلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدى.

د. دورژىيېۋا رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قاتار شەھەر ۋە يېزىلىرىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى بويىچە ماتېرىيال توپلىغان.

تۆۋەندە، قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغاننىڭ، بۇرياتىيە پايتەختى ئۇلان - ئۇدې شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دارىما دورژىيېۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.