رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە يورۇق كۆردى (1)
2017.12.20

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ ھايات ھېكايىسىگە بېغىشلانغان «مەن كالمان» ناملىق كىتاب يېقىندا تۈركىيەدە تۈركچە نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتابتا ئابدۇراھماننىڭ بايانىدىن ئۇنىڭ ئىنسانلاردا ئاز كۆرۈلىدىغان «كالمان سىندرۇمى» دېگەن تۇغما كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى، بۇ جەرياندا تارتقان دەرت-ئەلەملىرى، روھىي بېسىملىرى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بۇ كېسەللىككە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشى ھەمدە روھىي بېسىملارنى يېڭىش يولىدىكى كۈرەشلىرى تەسىرلىك رەۋىشتە تەسۋىرلەنگەن.
ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ «مەن كالمان» (Ben Kallmannım) ناملىق تۈركچە يېزىلغان بۇ كىتابى، تۈركىيە 6.45 نەشرىياتى تەرىپىدىن دەسلەپكى تىراژى 3000 نۇسخا بېسىلغان بولۇپ، 25-دېكابىردىن باشلاپ، تۈركىيەدىكى كىتابخانلارغا رەسمىي تارقىتىلغاندىن باشقا تور ئارقىلىقمۇ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدىكەن.
يېقىنقى ئىككى كۈندە مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تۈركىيەدىكى ئاساسلىق گېزىتلەردىن «سۆزچى»، «مىللەت»، «CNN تۈركچە قانىلى» قاتارلىق 20 دەك چوڭ-كىچىك تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. كىتابنىڭ بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى، بولۇپمۇ بىر كالمان سېندرومى بىمارىنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك بېشىدىن كەچۈرگەن ھەقىقىي ھايات ھېكايىسى ھەققىدە تۈركىيەدە چىققان تۇنجى كىتاب بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.
ئاپتور كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىنى «سۆزىمىزنى كېسەلدىن ئەمەس، ئۆزۈمدىن باشلاي...» دەپ يازغان.
ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندى 1981-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. 1997-يىلىدا ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئىككىنچى يىلىدا ئوقۇشتىن ۋار كەچكەن. 2001-يىلىدا كىنو ساھەسىگە بولغان قىزىقىشى تۈرتكىسىدە ئۈرۈمچىدە «ئېزىتقۇ كىنو ستۇدىيەسى» قۇرۇپ، فىلىم ئىشلەپ تارقىتىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 2006-يىلى ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەندىن بۇيان گوللاندىيە ۋە تۈركىيەلەردە ياشىغان. بۇ جەرياندا يەنە «ئەرك ستۇدىيەسى» قۇرۇپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداقلا مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان. ئابدۇراخمان ئەپەندى 2010-يىلىدا تۈركىيەگە يەرلەشكەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەۋزەللىكلەر ئۇنىڭ كىنو رېژىسسورى بولۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياخشى پۇرسەتلەر ياراتقان. ئۇنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى 2015-يىلى ئىشلىنىشكە باشلىغان «ئاق كىت» ناملىق بالىلارنىڭ سەمىمىي دوستلۇقى، كىتابخۇمارلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى تەسۋىرلەنگەن كىنو بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان. تۈركىيەدە تۇنجى ئۇيغۇر رېژىسسور بولۇپ تونۇلغان بۇ ئۇيغۇر يىگىتى مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ كالمان سىندرومى بىمارى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كىتاب يازغان، تۇنجى جۈرئەتلىك يازغۇچى بولۇپ قالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك، بۇ كىتابنى يېزىشقا ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ كىتابنىڭ 36 يىللىق ھايات ھېكايىلىرىدىن پۈتۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھايات ھېكايىلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان كالمان سېندرومى كېسەللىكى ھەققىدە دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولۇشتىن سىرت، كېسەل سەۋەبىدىن ئىزتىراپ چېكىۋاتقان، ئاجايىپ پەۋقۇلئاددە كەچمىشلەرگە ئىگە ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن يېقىنلىشىشقا ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق مۇھىمى ئىنساننىڭ قانداق، قاچان، قەيەردە يارىلىشىنى ئۆزى بەلگىلەنمىگەن تەقدىردىمۇ، قانداق ياشاشنى تاللاش پۇرسىتى بارلىقىدىن، كەچۈرۈمچان، ئىنسانىي سۆيگۈ بولغاندىلا ھەر قانداق بىر قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن باشقىلارغا ئۈمىد بېرىشكە، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى قوبۇل قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەركىن ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشتىم، دەيدۇ.
ئابدۇراخمان ئۆز تۈرك ئەپەندى بۇ يىل 10-ئايدا ئامېرىكا بوستۇن شەھىرىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارادىكى كالمان سېندرومى بىمارى ۋە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ كېسەللىك ھەققىدە ئامېرىكىدىكى كالمان سىندروما مۇتەخەسسىسى، بوستون ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئاندرۇ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى تارقاتقان ئىدى. پروفېسسورنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، كالمان سىندرومى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بىر خىل گورمون ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈك كېسەللىكى بولۇپ، بىمارلاردا جىنسىي ئەزالارنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات جەريانىدا ئاندىن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن. يەنى دەسلىپىدە پۇراش سېزىمى ئىقتىدارىنى يوقىتىش، گورمون ئىشلەپچىقىرىشى دەخلىگە ئۇچراش، كۆپىيىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلماسلىق ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى بولماسلىقتەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پەۋقۇلئاددە كېسەللىك بىمارغا جىسمانىي جەھەتتىكى بىر كەمتۈكلۈك ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە روھىي ۋە پسىخىكا جەھەتلەردىنمۇ ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتى، نىكاھ تۇرمۇشىغىچە يامان تەسىر ۋە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكەن.
پروفېسسور ئاندرۇ يەنە گەرچە بۇ كېسەللىك ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تۇغما كەمتۈكلۈك بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇ كېسەللىكنى داۋالاش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، مۇنتىزىم كلىنىكىلىق داۋالاشتىن كېيىن بىمارلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىق ۋە ھەتتا پەرزەنتلىك بولغانلىرىمۇ بارلىقىنى مىسال ئېلىپ ئۆتكەن.
ئەرلەردە 10 مىڭنىڭ ئىچىدە بىر، ئاياللاردا 50 مىڭنىڭ ئىچىدە بىر كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىمۇ ھايات يولىدا نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارنى، پەۋقۇلئاددە تراگېدىيەلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى تۈركىيەدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى ھېسابلانغان 45.6 نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى نۇر جان قارا خانىمنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن.
«ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ياشىغانلىرىنى قەيسەرلىك ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئاڭلىتىشى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. ئۇنىڭ بۇ كېسەل بىلەن ئېلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قېلىشى ۋە قىيىنچىلىقلارغا ھېچقاچان باش ئەگمىگەنلىكى مېنىلا ئەمەس، ھەر بىر ئوقۇرمەننى تەسىرلەندۈرىدۇ دەپ قارايمەن،» دەيدۇ نۇرجان خانىم.
بىر تەھرىر بولۇش سۈپىتى بىلەن كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان نۇرجان خانىم «ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك يازغان بۇ كىتاب، مېنىڭ بىلىشىمچە بىر كالمان سىندرومى بىمارىنىڭ ھەقىقىي ھايات ھېكايىسى يېزىلغان دۇنيادىكى ئىككىنچى كىتاب ھېسابلىنىدۇ ئەمما تۈركىيەدە بولسا بۇ تېمىدىكى تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ،» دەيدۇ. كالمان سىندرومى بىمارىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە دۇنيادىكى تۇنجى كىتاب، بۇ يىل ئامېرىكىدا 6-ئايدا نەشر قىلىنغان ئىكەن.
نۇرجان خانىم «گەرچە كىتابتا ئابدۇراخماننىڭ كەچمىشلىرى يېزىلغان بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەر بۇ ئۇيغۇر ئاپتورنىڭ ھاياتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ۋەزىيەت شارائىت ھەققىدىكى كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايدۇ، بۇمۇ كىتابنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ،» دېدى. ئۇ يەنە ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھەقىقىي ئەركىن بولالىغانلىقى ۋە ھەقىقىي ئەركىن پىكىر قىلىپ ئەركىن ئىپادە قىلالىغىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىلھام بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتور ئابدۇراخمان ئەپەندى نۆۋەتتە كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەييارلىماقتا بولۇپ، تەھرىر نۇرجان خانىم بۇ كىتابنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى، تېخىمۇ كۆپ ئابدۇراخمانغا ئوخشاش قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغان ئىنسانلارغا ئىلھام ۋە مەنپەئەت بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.
ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ھاياتىدا بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان پەۋقۇلئاددە كېسەل بىلەن يۈزلىشىش ۋە ئۇنى يېڭىش جەريانلىرى شۇنداقلا ئۇچرىغان ھەر خىل كەمسىتىشلەر، تراگېدىيەلەر، ئۇنىڭ مۇھەببەت -نەپرىتىنى كىتاب قىلىپ يېزىشقا تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇر سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز.