ئىيوردانىيەلىك ئۇيغۇر سودىگەر سېيىت نادىر ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا بوۋىسىنىڭ كىملىك ۋە كەچمىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بوۋىسى سودىگەر سېيىت غۇلاممەمەتخان 1930-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلابلارغا قاتناشقان.
ئىنقىلاب ئۈچۈن قورال سېتىۋېلىش ۋە قورال يۆتكەش ئىشلىرىدا رول ئالغان سېيىت غۇلاممەمەتخان، ئىنقىلاب ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا قېچىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئەنە شۇ مەزگىلدە، ئۇنىڭ ھىندىستاندا ۋاقىتلىق تۇرۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئەنگلىيە پاسپورتى، كېيىن سېيىت نادىرنىڭ دادىسى سېيىت ئابدۇللاخاننىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتەلىشىگە ۋەسىلە بولغان يەنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى سېيىت ئابدۇللاخانغا پومېشچىك دەپ ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ دادىسىنىڭ ئەنگلىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ۋە پاكىستانغا چىقىپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولغان.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.
