گوللاندىيەدە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.10.10
uyghur-taam-urumchi-restorani-gollandiye.jpg «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزى» ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇرچە تائاملاردىن بەھر ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلار «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستوران» ئىنىڭ لەڭمىنىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 2017-يىلى 9-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەر كۈلتۈر(مەدەنىيەت) مەركىزى» دە ئۇيغۇرچە تائاملاردىن بەھر ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزى» روتتېردامدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» دىن ئۆزلىرىگە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىلتىماسىدا بولغان. 9-ئۆكتەبىر كۈنى زەينىدىن ئەپەندى باشلىق 4 كىشى بۇ مەركەزدە 50 كىشىلىك لەڭمەن ۋە پولۇ ھازىرلاپ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان.

9-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە نەق مەيداندىن بىزگە مەلۇمات بەرگەن زەينىدىن ئەپەندى، بۇ كۈنىدىكى پائالىيەتتىن ھەم ئۆزىنىڭ ھەم مېھمانلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتۇش مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ پائالىيەتكە زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ئايالى راھىلە بارات خانىممۇ ھەمدەمدە بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگكەن گوللاندىيەلىك بىر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، لەڭمەن ۋە پولۇنى ئېغزى ئېغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تائاملىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك بەك لەززەتلىككەن. بۇرۇن تېتىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۈگۈن بۇ تائاملاردىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم. بۇندىن كېيىن ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانىنى يوقلاپ تۇرىمەن».

50 كىشىلىك پولۇ ۋە لەڭمەننى بىرلا ۋاقىتتا ئىسسىق ھەم ئۆز تەمى بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىش ئاسان ئەمەس. زەينىدىن باشلىق 4 ئۇيغۇر بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سەرپ قىلغان. بەزى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى نەق مەيداننى فىلىمغا ئالغان ۋە كەلگەن مېھمانلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئىگىلىگەن. ئىپادە بىلدۈرگۈچىلەر ئىجابىي باھالار بېرىشكەن.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىنىسى قەھرىمان تۇرسۇن بولسا، بۇ يەردە نوقۇل ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى، تارىخى ھەققىدە چۈشەنچىلەر بېرىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرچە ئەتلەس كۆڭلەك، بادام دوپپا، چىمەن دوپپىلارنىڭمۇ كۆرەك قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزىنىڭ «ئۈرۈمچى رېستورانى» دا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس «ئۇيغۇر كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۇل تېپىشتىن بەكرەك، ئۆز مىللىتىنى تونۇتۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى مەمنۇن قىلىۋاتقان يەنە بىر ئىشى؛ ھەر يىلى يازدا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن «بارىن ئىنقىلابى»، «غۇلجا ۋەقەسى»، «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە قاتارلىق زور ۋەقەلەرنى گۈلدەستىلەر تىزىپ خاتىرىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش پائالىيىتىدۇر.

ئالدىنقى ئاي، يەنى 6-سېنتەبىر گوللاندىيەدىكى «خەلق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلىرى «ئۈرۈمچى رېستورانى» ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ قىسقا فىلىمدا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ چۈشەنچىلەر بېرىلگەن. بۇ فىلىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە زىيارەتچىلەرنىڭ سانى 65 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

«ئاز سانلىق مىللەتلەر كۈلتۈر (مەدەنىيەت) مەركىزى» دە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن «ئۈرۈمچى رېستورانى» ئىككى يىل ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ رېستوران ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى، چىمەن دوپپا، بادام دوپپا ۋە ئۇيغۇر چالغۇ ئۆرنەكلىرى بىلەن بېزەلگەن. بۇ شەھەردە ئاران 15 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىكەن. پۈتۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. گوللاندىيەدە «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.