ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس: «ئۇيغۇر تارىخىنى چەتئەللەردە يېڭى مېتود بىلەن تەتقىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 8- ۋە 9-كۈنلىرى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي پائالىيەت بولۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 25 ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچى قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىر پۈتۈن تارىخى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەييارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەچكە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولۇپ، يىغىننىڭ كەسپىي سەۋىيىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىم ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار مۇستەقىل ھالدا ھەقىقىي ئۇيغۇر تارىخىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى، تارىخنىڭ شارائىتقا قاراپ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەكرار تارىخ سەھنىسىدە ئورۇن ئالالايدىغانلىقىنى بىلىشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىغىن ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ توغرا ۋە ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىتىش ۋە شۇنداقلا ئىلىم دۇنياسىنى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت يېڭى مەلۇماتلار بىلەن بېيىتىشتا ئالاھىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ تۈرلۈك ئىلمىي پائالىيەتلىرى بىلەن، ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.»

تۈركىيەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىرىنچىسى، چەتئەلدە ئەركىن مۇھىتتا ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن مۇھىم. ئىككىنچىدىن بولسا غەرب دۇنياسىدىكى يېڭى مېتودلارنى ئىشلىتىپ تارىخ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم. ۋەتەندىكى تارىخ تەتقىقاتى مېتود جەھەتتىن خەلقئارادىكىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا خەلقئارا سەۋىيىدە ئەمەس. يەنە كېلىپ ۋەتەندىكى تارىخ تەتقىقاتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتىمۇ قىيىنچىلىقلار بار. چەتئەللەردە ئۇيغۇر تارىخىنى يېڭى مېتودلار بىلەن تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان كۆز قارىشىنى بىلىشتە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئاخىرىدا ئۆزى بۇ يىغىندا بېرىدىغان دوكلاتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەخسۇس يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.