سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ستالىن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەخپىي قارارلار بىر-بىرلەپ پاش بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1933-يىلى، 3-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماي، شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنى قوللاش قارارىدۇر.
مەزكۇر ھۆججەت رۇسىيە تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
1933-يىلى، 19-ئىيۇن كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت كۆرسەتمىلىرى» ماۋزۇلۇق ھۆججەتنى تەييارلاپ، سىياسىي بيۇرونىڭ مۇزاكىرىسى ئۈچۈن سۇندى. تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى تۈزگەن «شىنجاڭ خىزمەت كۆرسەتمىلىرى» 12 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1933-يىلى، 3-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى پىچقان مەزكۇر قارارنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي بېكىتى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.