«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 11-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 11-سانى.
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 11-سانى.
uygurarastirmalari.com

تۈركىيەدە تۇنجى ۋە مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر، تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ 11-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

بۇ تور ژۇرنىلىنىڭ 11-سانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 10 پارچە ماقالە بىلەن 3 كىتاب تونۇشتۇرۇش ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ۋە باش تەھرىرى ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ئىچىدە دوكتور ئاسپىرانت ھەسەنجان ئابدۇۋايىت يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن خالىدە ئىسرايىل ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى» ناملىق ماقالىسىدە يېڭى مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ خىتاي مۇزىكا تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئالىمجان ئىنايەت ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەمتىمىن بەيتەمۇر ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ يېڭى مەزمۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنى چىقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ماقاللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋاھىت ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 11-سانىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ خىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇھىت، سەنئەت تارىخى، باغۋەنچىلىك ۋە كومپيۇتېر كەسپىگە دائىر ماقالىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر تۈركىيەدە 14 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى ژۇرنالنى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا توردا چىقىۋاتقانلىقى، تورنى زىيارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەت تىلىدا ژۇرنال چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

5 يىلدىن بېرى ژۇرنالنىڭ11 سانىدا 110 ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، سەنئەت تارىخى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھالدا «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت