ئۇيغۇر ئېلى يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستاندا كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-08-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا. 2016-يىلى، ئالماتا.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا. 2016-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە تەقدىرى تارىخىي، مەدەنىيىتى، روھىي جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان-قېرىنداشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. ئەنە شۇنداق ساھەلەرنىڭ بىرى ئەدەبىياتتۇر. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، كۆپ ئەسىرلىك مىراسقا ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىجاد قىلغان شائىر ۋە يازغۇچىلارنى قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چوڭ رول ئوينىماقتا.

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئالماتادا ئون بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست پەيزۇللام ئەخمەتوف تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان «ئىنتىزار» ژۇرنىلىمۇ ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي ئالاقىلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەدەبىياتتا چېگرا بولمىغاچقا ئىلى دەرياسىنىڭ ئۇ قانىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرى ‹ئىنتىزار› ژۇرنىلىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەسىلەن، كلاسسىك شائىر ۋە ئالىملىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەسەرلىرىنى دەسلەپ مۇشۇ ژۇرنال تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا بوغدا ئابدۇللا، قۇربان بارات، ئابلەھەت ئابدۇللا، ئايشەم ئەخمەت، چىمەنگۈل، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ۋە باشقىلارغا سەھىپە ئاجراتتى.»

ئا. قۇتلۇقوف مۇنداق ئاتاقلىق يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ يازغۇچىلىق ماھارىتىنىڭ ئۆسۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: « پ. ئەخمەتوف ئەسەرلەرنى بۇ ياققا ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ ھەم تارتىۋاتىدۇ. بىر تەكىتلەيدىغىنىم، مەيلى تۇرغۇن ئالماس، ئۆتكۈر ئەپەندى ئەسەرلىرى بولسۇن، ياشلاردىن ئادىل تۇنيازغا ئوخشاش شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ يەردىكى شائىر-يازغۇچىلار ئۈچۈن ئۈلگە-ئەندىزە بولدى.»

ئۇيغۇر ئېلى يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ كارۋان بېشى بولۇپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى سەھىپىلىرىدىمۇ ئورۇن ئالماقتا. ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىتتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى، باشقىمۇ ئەللەردە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ ھاياتى، ئەمگەك پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلماقتا. ئۇ ئىككى ئايدىن بۇيان گېزىتتە مەخسۇس چەتئەللىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدىغان خادىمنىڭ ئىشقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: « بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا ناھايىتى كۆپ ماقالىلەر چىقتى. شۇلار ئارقىلىق بىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتىمىز.»

ي. ئەسمەتوف ئەپەندى يۇقىرىدا تەكىتلىگەندەك، ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشتا بولۇپمۇ ئاتاقلىق شائىرلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئابلىز ھېزىم، ژۇرنالىستلاردىن ئىسمائىل روزىيېف، غەيرەت ئىسرايىلوف، پەيزۇللام ئەخمەتوف قاتارلىقلار زور ياردەمدە بولماقتا. ئۇلار ئەنە شۇلاردىن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولغان ئەسەرلەرنى تاللاپ، گېزىت رېداكسىيەسىگە يوللاپ تۇرماقتا.

ي. ئەسمەتوف ئۆزىنىڭ شۇلارغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى؛ «گېزىتىمىزدە ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان قويۇلغان مەسىلە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن، جۈملىدىن تور بەتلىرىدىن ئېلىنغان خەلقىمىزنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلەرنى تۇراقلىق بېرىپ كېلىۋاتىمىز.»

ئۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-پائالىيىتىنىڭ، نەپىسىنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالماسلىقى ئۈچۈن مۇنداق مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنى تەرغىب قىلىشتا مىللىي مەكتەپلەرمۇ ئالاھىدە رول ئوينىماقتا. قازاقىستاندىكى ئاتمىشتىن ئوشۇق تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات دەرسلىكى ئارقىلىق ئەنە شۇ ئەدىبلەر بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا.

بۇ ھەقتە مەكتەپ نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ خادىمى سېلىمەم بالىنوۋا مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ۋە باي مىراسقا ئىگە ئەدەبىياتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئۈزۈپ قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدۇر. ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىزدە ۋەتىنىمىزدىكى ئەدەبىياتنىڭ تارىخىنى، ئۇ يەردىكى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ۋە تەپسىلىي ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. كېيىن، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، بۇنىڭغا كەڭ يول ئېچىلدى ھەم مۇمكىنچىلىكلەرمۇ پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، مىللىي مائارىپسىز مىللەت كېلەچىكى بولمىغاندەك، ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ كېلەچىكىنى ئەنە شۇ ئەدەبىياتسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، ساۋۇت موللائۇتوف، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، تۇرسۇن ئەلايېف ئوخشاش پېشقەدەم زىيالىيلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكى پروگراممىسىنى تۈزۈشتە بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىدى.»

قازاقىستاندا دۆلەت خىراجىتىگە نەشر قىلىنىۋاتقان ئوقۇش قوراللىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دەرسلىكلەر ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم قايتا نەشر قىلىنىپ، ئۇلار بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.

س. بالىنوۋا سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «ھازىرقى ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىڭ بارلىق سىنىپلىرىدا، يەنى 5-سىنىپتىن تا 11-سىنىپقىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن تاشقىرى، 20- ۋە 21-ئەسىرلەردە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن كۆرۈنگەن شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشالايدۇ. بىزنىڭ ‹مەكتەپ› نەشرىياتى تەييارلاۋاتقان 8- ۋە 11-سىنىپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرى، شۇنداقلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، تېيىپجان ئېلىيېف، بوغدا ئابدۇللا، زوردۇن سابىر، ئابدۇراخمان قاھار، قۇربان بارات، مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوخشاش تالانتلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتى كىرگۈزۈلگەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى تاللاشتا، بىرىنچى نۆۋەتتە، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلغان. بىز قازاقىستان دۆلىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خەلقلەر دوستلۇقى، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك سىياسىتىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك قەدرىيەتلىرىنى تەرغىب قىلىشنى ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسى، دەپ ھېسابلايمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت