ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسى تارقىتىلدى
2016.11.24

يېقىندا ياپونىيەدىكى «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭىدىن تەييارلانغان پروگراممىسى يوتۇب ئارقىلىق رەسمىي تارقىتىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭىدىن ھازىرلانغان مەزكۇر پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈمچىلىك ۋە كارىز مەدەنىيىتى شۇنداقلا تۇرپاندا ئۆتكەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن.
«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى پروگراممىسى ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئۈزۈم ماكانى» دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر بولغان تۇرپان دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىكى توغرىسىدا توختالغان. ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان تارىخىي كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە،ئىدىقۇت خەلقى ئۈزۈم ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇنى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن «يەتتە قىز رىۋايىتى» گە باغلايدىكەن. بۇ رىۋايەتتە:«يەتتە قىز تاشقا ئايلىنىش ۋاقتىدا بويۇنلىرىدىكى ئۈنچە-مارجانلىرىنى چاچقاندىن كېيىن، بۇ ۋادىدا ئۈزۈم بارلىققا كەلگەن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن قىزىل سايۋا، قىزىل ياقۇتتەك يالتىراق، كىشمىشلىرى ئۈنچە-مارجاندەك كۆركەم ئۈزۈمنىڭ ھەر ساپىقى يەتتە قىزنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ئۈنچىلەردەك غۇژمەك » دەپ رىۋايەت قىلىنغان.
تارىختىن بۇيان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادى ئىگىلىكى ئۈزۈمچىلىك بولۇپ كەلگەن بولۇپ، تۇرپان ئۈزۈمى تەمىنىڭ شېرىنلىكى، سورتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەھسۇلاتدارلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىكى توغرىسىدا مەزكۇر پروگراممىدا بېرىلگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا توختالدى.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پروگراممىدا ئىدىقۇت خەلقىنىڭ پەم-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى بولغان كارىز مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ بەزى بىر مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا 1996-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى» نىڭ 29-تومىدىكى كارىز ھەققىدىكى مەلۇماتتا، رۇسىيە ئالىمى گروم گرزھىمايلوف:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەتلىك بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشاتى-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پرامىداسىدىن قىلىشمايدىغان، قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشاتىدۇر» دەپ تەرىپلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر پروگراممىدا يەنە، تۇرپان دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدىمۇ بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئۇزۇندىن بۇيان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى پروگراممىدا، يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بەزى بىر قاراشلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىئۇرا كوتارو مۇنداق دېدى: «مەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى توغرىسىدا كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن دۇنياۋى قاراش ۋە ئۇ ياشىغان دەۋردىكى سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم.»
مەزكۇر پروگرامما ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىن «ئەرزىمەيدۇ» دېگەن سۆزنى كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ئۆگىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.