25-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ۋە «نورۇز تەنتەنىسى» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچراپ ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز تىلىنى يوقىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كېيىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەردىن مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز «ئۇيغۇر تىلى جان تىلىم» دېگەن تېمىدا دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇنلىدى.
ئىستانبۇلدىكى بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، «ئانا تىل ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى مىللىي بايلىق خەزىنە دەپ كۆرسەتتى.
پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مىللىي كىيىملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ھەر خىل شېئىر ۋە نەسىر ئوقۇدى، ئىتوت ئورۇنداپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئۆسمۈرلەر ئىتوت ئورۇنداش ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بالىلارنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈرك سەنئەتچىلەر ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى. تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇنگۈر ئەپەندى، «ئۇچراشقاندا»، «گۈل ئاچىل» دېگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى دۇتار بىلەن ئورۇنداپ پائالىيەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى قاتارلىق سەنئەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئورۇنلىدى.
يىغىندا يەنە ئارەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى، نورۇز بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
3 سائەت داۋام قىلغان پائالىيەت ئاخىرىدا پائالىيەتتە سۆز قىلغۇچىلار ۋە نومۇر كۆرسەتكەن سەنئەتچىلەرگە تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى. پائالىيەتكەن قاتناشقان 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە، قوچاق، شاھمات دېگەندەك ھەر خىل ئويۇنچۇقلار مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلدى.