خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىنىڭ قىسقا ۋېدىيوسىنى توردىن كۆرۈۋېتىپ، بۇ بالىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئىككى يىدىن بېرى كۆرەلمەيۋاتقان ئوغلى ئابدۇلئازىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالغان ئابدۇراخمان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇش بىلەن تەڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئامالسىز دادا بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئاتا-ئانىسىدىن، قوۋمى قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ۋە پۈتۈن ئائىلىسى ۋەيران بولغان مۇھاجىرەتتىكى روھى سەرسان ئۇيغۇرنىڭ بىرى.
بەش-ئالتە يىللاردىن بېرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇراخمان توختى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەپ: «مەن ئۆزۈم ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقىنىم بىلەن روھۇم يۇرتۇمدا قالغاندەك ھېس قىلىمەن، چۈنكى مەيلى ئوڭۇمدا ياكى چۈشۈمدە بولسۇن خىيالىم ھامان ئاقسۇدىكى ئۆزۈم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان باغۋارانلىق، بالىلارنىڭ چۇقۇراشلىرى، خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئۈزۈلمەيدىغان، مېھرى ئىسسىق، سۆيۈملۈك چوڭ قورۇيىمىزدا ئەگىپ يۈرۈۋاتقاندەك بولىدۇ، ھالبۇكى ھازىر بۇ قورۇنىڭ بەختكە تولغان ئەسلى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. . . چۈنكى ھېچ كىم يوق» دەيدۇ.
ئابدۇراخمان توختى ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزىسى، يېڭى ئۆستەڭ 25-كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۇ ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ قالغان غايىب ئوغلى، 4 ياشلىق ئابدۇلئەزىز بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئۇ، 2016-يىلى 11-ئايدىن بۇيان ئۆزى ئۆسكەن ئاشۇ چوڭ قورۇدىكى ئون نەچچە جانلىق ئائىلىدىكى بىرەر كىشى بىلەنمۇ ئالاقە باغلىيالماي كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى توختى ئەمەت 64 ياش، ئانىسى ئاينۇرخان قاسىم 54 ياش بولۇپ، ئابدۇراخمان بەش قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرانچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەمەتجان توختى، كىچىك ئاكىسى مەمەتجان توختى، چوڭ سىڭلىسى ئايگۈل توختى، كىچىك سىڭلىسى ئارزۇگۈل توختى 200 مو كېۋەزلىكنى تېرىش ۋە قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ، ئۆز مېھنىتى بىلەن ھاللىق سەۋىيەدە بەختلىك ياشاپ كەلگەن. مانا مۇشۇ بەرىكەتلىك قورۇدا يەنە ئابدۇراخماننىڭ 3 بالىسى ۋە يەنە 5 نەۋرە بولۇپ چوڭى 12 ياش، كىچىكى 2 ياشلاردىكى 8 نارەسىدىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئىدى.
ئابدۇراخماننىڭ ئاخىرقى قېتىم نەۋرە ئاكىسى ئارقىلىق ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئايالى پەرىدە ياسىن 2016-يىلى 8-ئايدا تۈركىيەدىن 3 بالىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ئېغىر زەخىملەنگىنى ئۈچۈن ئاز كۈندىن كېيىن داۋالاشقا قويۇپ بېرىلگەن. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن پەرىدە ئائىلىسىدىكىلەر 200 مىڭ سومدىن كۆپرەك خىراجەت قىلىپ داۋالىتىشى نەتىجىسىدە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشىگە يەنە قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2017-يىلى 11-ئايدا سەۋەبسىز 10 يىل كېسىلگەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئابدۇراخماننىڭ 6 ياشلىق چوڭ قىزى تايىبە، 2 ياشلىق كىچىك قىزى نادىرە ۋە ئوغلى ئابدۇلئەزىزلەرنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولمىغان.
كىچىك سىڭلىسى، يەنى 24 ياشلىق ئارزۇگۈل توختى بىر قېتىم تۈركىيەگە كېلىپ-كەتكىنى ئۈچۈن 3 يىل كېسىلگەن.
ئابدۇراخمان خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ سولاشقا باشلىغاندىلا ئەزەلدىن ئېتىقادى چىڭ بولغان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ تۇتقۇن نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. ئۇ باشقىلارمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن، بولۇپمۇ ئۇ يۇرتنىڭ ئىناۋەتلىك ئاقساقاللىرىدىن سانالغان، يۇرتتىكى ياشلارنى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشقا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن رىغبەتلەندۈرۈشتە ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن ئاتىسى توختى ئەمەتنىڭ بىرەر پېشكەللىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئابدۇراخمان توختى ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى ئەنە شۇ لاگېرلارغا سولىنىپ ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پاجىئەلىرىنىڭ پەقەت بىر مىسالىدۇر. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولغاندەك لاگېرلارنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەرنى پارچىلاپ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەھدىتى ھەم تەسىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر بولماقتا.
0:00 / 0:00