لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئايال ۋە ئۇرۇش» فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلار تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.26
ayal-we-urush-festiwal.jpg 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئايال ۋە ئۇرۇش» ناملىق فېستىۋالنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
RFA/Erkin Tarim

7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئايال ۋە ئۇرۇش» ناملىق فېستىۋالدا تارىختا ئۆتكەن ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئاڭلىتىلىدىكەن. فېستىۋالنىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن لوندوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بانكىلار كوچىسى كۇلۇبىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بىز بۇ فېستىۋال ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ فېستىۋالغا قاتناشقان رەھىمە مەخمۇت ۋە ئايشە خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

رەھىمە مەخمۇت خانىم لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئايال ۋە ئۇرۇش» ماۋزۇلۇق تۇنجى قېتىملىق فېستىۋالنىڭ تىياتىر، دراما، ھېكايە سۆزلەش ۋە ناخشا ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى، ئاياللارنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە يوقىتىشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم 24-چېسلا ئاقشامقى پائالىيەتتە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىختا قوشقان تۆھپىلىرىنى، ناخشا ئېيتىش، شېئىر ئوقۇش، بەزى ھېكايە كىتابلارنى، مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تونۇتۇش ئارقىلىق بۇ پائالىيەتتە ئىپارخان، نۇزۇگۇم، ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا ئۆتكەن رىزۋانگۈل، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى سۈيۈنگۈل جانىشىف خانىمنى، رابىيە قادىر خانىمنى ۋە پاتىگۈل غۇلام خانىمنى تونۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپ ساندا كىشىنىڭ خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سوئاللار سورىغانلىقىنى، فېستىۋالدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا، ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا كىتاب يازغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

لوندوندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئايشە خانىم رەھىمە مەخمۇت خانىم كەسپىي سەنئەتچى بولمىسىمۇ، ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ دەۋاغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ۋە بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.