ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونلارغا نورۇزلۇق داستىخان سالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.03.23
yaponiye-noruz.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-مارت، توكيو.
RFA/Qutluq

21-مارت ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى توكيودا ياپونلارغا نورۇزلۇق داستىخان سالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات 2016-يىللىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش يۈزىسىدىن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان بىر قىسىم ياپونلارغا داستىخان سېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالغان.

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، نورۇزلۇق يېمەكلىكلەر، ئۇيغۇر سەنئىتى توغرىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم كەڭ نورۇز ئەھلىگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۇزلۇق تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

نورۇزلۇق مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۇز پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تاكاشى ساتو پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «توكيودا تۈنۈگۈن ئۇيغۇرلار يىغىلىپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. بۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىك تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ياپونلار ئۇيغۇرلار بىرلىكتە نورۇزنى قۇتلىدۇق. ھەممىمىز دېگۈدەك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن لەزەت ئالدۇق. ناخشا-مۇزىكىلاردىن شاتلاندۇق» دېدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مۇراكامى توموكو ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۈگۈن تەييارلانغان ئۇيغۇر تائاملىرىغا ھەممىمىز بىردەك ئېغىز تېگىپ ھوزۇرلاندۇق. ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىدىن زوقلاندۇق» دېدى.

يازغۇچى ئاياكاۋا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم. مەن قولدا تەييارلانغان لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن تولىمۇ لەززەتلەندىم» دېدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى يوشىدا كوئىچىرو مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، مەجبۇرىي خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرۇشتەك ۋەھشىي سىياسەتلەرنىڭ ياپونىيە بىلەن قوشنا بىلەن خىتايدا داۋاملىشىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇ خىل سىياسەت تىبەت، موڭغۇللارغىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز گەرچە نورۇز بىلەن خۇشال بولغان بولساقمۇ، بىراق شۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا ھەقىقەتەن يۈرىكىمىز ئېچىشىدۇ.»

غالىپ مىجىت سۆزىدە يەنە، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ كەڭ تەشۋىق ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىللىق نورۇز بايرىمىنى ياپونلار بىلەن بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى كەچ سائەت بەش يېرىمدىن سەككىزگىچە داۋام قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.