ئۇيغۇر مۇھاجىر سەئىد نادىرخان: ئىئوردانىيەدە ياشاش يولى كۆپ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016.05.22
seyit-nadir-iordaniye-1.jpg ئىوردانىيەدىكى ئۇيغۇر سودىگەر، كارخانىچى سېيىت نادىر ئەپەندى
RFA/Shohret Hoshur


كونىلاردا «ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەجرىبىسىدە، كېيىنكىلەرنىڭ ھەققى بار» دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ پەقەت شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي كىشىلەرلا ئېتىراپ قىلىدىغان ئەقلىيە سۆز بولۇپ، بۇ خىل ئىنسانلارنىڭ يۈرىكى ئۆزى ئېرىشكەن نېمەتلىرىنى يارەنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىقمۇ ھۇزۇر تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەتراپىدىكى بار ئىمكانلىرى بىلەن ھاجەتمەنلەرگە تېرىك تەجرىبە تەقدىم قىلغۇچى بولۇشنى خالايدۇ. ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىئوردانىيەدە ياشاۋاتقان سەئىد نادىرخاندۇر. ئۇنىڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان مۇھاجىرەتتىكى ھايات سەپىرى، بۈگۈنكى مۇھاجىرلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بەرگۈسى. تۆۋەندە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ ئىئوردانىيەدە تۇرۇۋاتقان سەئىد نادىرخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى سۇندۇق، بەھرىلەنگەيسىزلەر.

پىدائىي: ‏— ‏ۋەتەندە تۇرۇش بىلەن چەتئەلدە تۇرۇشنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىز قانداق؟
سەئىد نادىرخان: ‏ۋەتەن دېگەن ۋەتەن. ھەرقانداق ئادەم ۋەتەن سىرتىدا پادىشاھ بولۇپ كەتسىمۇ، ۋەتەندە ياشىغانغا يەتمەيدۇ.
پىدائىي:‏ ‏— ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىدىغانلىرىڭىز نېمە؟
سەئىد نادىرخان: ‏‏— پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتماق؛ خەلقئارالىق نەتىجىلەر قازىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى چەكمەك؛ پايدىلىنىش قىممىتى بارلىكى ۋاسىتىلەردىن، ئورگانلاردىن پايدىلانماق؛ چۈنكى، ھازىرقى دەۋر ئىلىم دەۋرى. سوقۇشتىن ئىلىم ياخشى.
پىدائىي:‏ ‏— ئىئوردانىيەگە بېرىشنىڭ يولى قانداق؟ ۋە ئۇ يەردە تۇرۇشتا قانداق ئىمكانلار بار؟
سەئىد نادىرخان: ‏‏— ئوقۇش، خىزمەت ياكى سودا—تىجارەت ۋە نىكاھلىنىش يولى بىلەن كەلسە بولىدۇ.
پىدائىي:‏ — ئىئوردانىيەدە قايسى خىل كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالى بار؟
سەئىد نادىرخان: ‏— ئىسلامدا ئوقۇش، تىجارەت، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىقتىدارى بولسا پارلامېنتقا كىرىشكىمۇ بولىدۇ.
پىدائىي:‏ ‏— مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالى بارمۇ؟
سەئىد نادىرخان: ‏— يوق. 45 يىلدىن بىرى ئۇنداق بىر ئىشقا ئۇچراپ باقمىدىم.
پىدائىي:‏ ‏— بىر ئائىلىنىڭ ئايلىق نورمال چىقىمى قانچىلىك ئايلىنىۋاتىدۇ؟
سەئىد نادىرخان: ‏— بىر ئائىلە ئۈچۈن ئىجارە تەخمىنەن 150 دىنار ئەتراپىدا. ئادەتتىكى بىر مەدىكارنىڭ كۈنلۈكى 20 دىنار، ئۇستىلارنىڭ 50. ئاشۇ مەدىكارغىمۇ ئالغان مائاشى راھەت يېتىدۇ.
پىدائىي:‏ ‏‏— ئىش تېپىلامدۇ؟ ئىشسىزلىق ئەھۋالى قانداق؟
سەئىد نادىرخان: ‏— ئەخلاقى دۇرۇس، تىرىشچانلا بولسا ھەرقاچان ئىش بار. ھۇرۇن بولسا يوق.
پىدائىي:‏ ‏‏— ئىئوردانىيەگە كۆچۈپ كەلمەكچى بولغانلارغا قانداق تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟
سەئىد نادىرخان: ‏— ئالدى بىلەن زىيارەت ۋىزىسى ئارقىلىق كېلىپ بىر كۆرۈشۈنى تەۋسىيە قىلىمەن.
پىدائىي:‏ ‏‏— ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەرلىرىدىن قايسىلىرى، كارغا كېلىدۇ؟
سەئىد نادىرخان: ‏— زەرگەر، تۆمۈرچى، پىچاقچى قاتارلىق مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولغان قول-ھۈنەر كەسىپلىرى بولسا بولىدۇ.
پىدائىي:‏ ‏‏— ئىئوردانىيەگە بېرىپ يەرلىشىشنى نىيەت قىلغانلارنىڭ يولىنى تېپىۋېلىشىغا قانداق ياردەملەر قىلالايسىز؟
سەئىد نادىرخان: ‏— تەرجىمانلىق، ھۆكۈمەت ياكى ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە—يول قاتارلىق ساھەلەردە بولىدۇ. ئەمما، ماڭا 4-5 ئادەم كېلىپ ئىش تەلەپ قىلسا، ئۇ قەدەر ئىمكانىم يوق.
پىدائىي:‏ ‏‏— ئىئوردانىيەنىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تېپىك پەرقى نەدە، دەپ قارايسىز؟
سەئىد نادىرخان:—  بۇ يەردىكى خەلق-جامائەتلەردە قېرىنداشلارچە ياردەم بېرىش ۋە ناھەق زۇلۇم قىلىدىغان ئىش يوق.
پىدائىي:‏ ‏— ئىيوردانىيە بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىسى قانداق؟
سەئىد نادىرخان: ‏— ياخشى. چۈنكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياج بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.