خەلق سەنئەتكارى، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى: مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتانى مۇقام ئالىمى دېيىشكە لايىق
2015.04.22

ھازىر ئىلىنىڭ پەنجىم يېزىسىدا دەم ئېلىۋاتقان، يېشى توقساندىن ھالقىغان، خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىللاردا ئۆزى بىلەن دەۋرداش بولۇپ ئۆتكەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇقامچىسى، كومپوزىتورى زىكرى ئەلپەتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 1950-يىللىرى زىكرى ئەلپەتتا باشچىلىقىدا ئورۇنلىنىپ لېنتىغا ئېلىنغان بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ لېنتا ساقلىنىپ قىلىنغان بولسا، ھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇستاز سازەندە مۇساجان روزى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبەت پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىز.