زەرىف بەشىرى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان
2013.05.20
مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن تاتار زىيالىيلىرى ياشىغان. ئۇلار ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى.
شۇلارنىڭ بىرى يازغۇچى، شائىر، تەرجىمان، ئۇستاز ۋە ژۇرنالىست بەشىرى زەرىف شەرەپىددىن ئوغلى 1888-يىلى تاتارىستاننىڭ قازان ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قازان شەھىرىدىكى مۇھەممەدىيە مەدرىسىسىدە بىلىم ئالغان بولۇپ، تاتار، باشقۇرت، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ تىللىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ چىققان، ئاتاقلىق تاتار يازغۇچىسى ئابدۇللا توقايغا زامانداش ھەم ھېسداش كىشى بولغان. 1913-يىلدىن تارتىپ ئۇ قازاقىستاننىڭ قاپال شەھىرىدە مۇئەللىم، «ساداق» ژۇرنىلى ۋە «سادائىي تارانچى» گېزىتىدە مۇھەررىر، ياركەنت شەھەرلىك خەلق مائارىپى بۆلۈمىدە مۇدىر ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان. ز. بەشىرى شۇنداقلا تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزبېك ھەم ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن دەرس بەرگەن. 1930-يىللىرى بولسا رۇسىيىنىڭ دونباس شەھىرىدە ئىشلىدى. ئەدىب 1938-يىلى «خەلق دۈشمىنى» دېگەن سىياسىي ئەيىب بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىپ، پەقەت 1956-يىلى ئاقلانغان. ز. بەشىرى 1962-يىلى باشقۇرتىستان پايتەختى ئۇفادا ئالەمدىن ئۆتكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشھۇر تاتار زىيالىيسى، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.