50 - يىللاردىكى ئۇيغۇر سەركىلىرىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتىدا تەنقىدكە ئۇچرىغان «ئەكسىيەتچى» سۆزلىرى توغرىسىدا

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىگە ئۈرۈمچىدە 1958 - نەشر قىلىنغان «ئالغا» ژۇرنىلىنىڭ 5 - سانىدىكى بىر پارچە ماقالە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ماقالىنىڭ تىمىسى: «ئوڭچى، ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر زىيا سەمەدى».

ژۇرنال خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئورگان ژۇرنىلى. ماقالىدە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەركىلىرىدىن زىيا سەمىدى، ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە ئىبراھىم تۇردى قاتارلىقلارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە ئېيتقان ئاتالمىش «ئەكسىيەتچى» سۆزلىرى تەنقىد قىلىنغان. بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئەنە شۇ تەنقىدلەنگەن ئاتالمىش ئەكسىيەتچى سۆزلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

ماقالىدە تونۇشتۇرۇلىشىچە، زىيا سەمەدى ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىبراھىم تۇردى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى، ئابدۇرېھىم ئەيسا بولسا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. ئۇيغۇر مىللىي تارىخ ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سەركىلىرى دەپ ئەسلىنىدىغان بۇ شەخسلەر مەزكۇر ماقالىدد پارتىيىگە قارشى ئەكسىيەتچى گۇرۇھ، ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى ۋە بۆلگۈنچى دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ پارتىيە، ھۈكۈمەت يىغىنلىرىدا، جامائەت سورۇنلىرىدا قىلغان سۆزلىرى تەنقىد قىلىنغان. ماقالىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تۆۋەندىكى سۆز ئۈزۈندىلىرى نەقىل ئېلىنىپ تەنقىدلەنگەن:

... ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «جۇمھۇرىيەت تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىدىن ياخشى.»

«... پارتىيىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ ئىدارە قىلىدىغان سىياسەت.»

«... خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىدىن، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەلگىنى ياخشى»

«... مىللىي كادىرلاردا خىزمەت بار، ھوقۇق يوق، خەنزۇلار تەختتىن چۈشسۇن.»

...«پارتىيە بالايى - ئاپەت، پارتىيە چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدايدىغان نەرسىسى.»

...«پارتىيىگە كىرىش، ئېغىز چاپلىۋەتكەنگە ئوخشاش.»

مەزكۇر ماقالىدە يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىگە ئائىت تۈۋەندىكى سۆزلىرى تەنقىد قىلىنغان:

... «كوپىراتسىيىلىشىشنىڭ ئەۋزەللىكى يوق.»

...«ئىككى مو يەر سوتسىيالىزمغا باشلاپ بارالمايدۇ.»

«دېھقانلار زاغرىدىن قۇتۇلالمىدى»

... «تۆمۈر يول پۇتسە بىزگە بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.»

«مەركەز شىنجاڭنى ئېكىسپۇلاتاتسىيە قىلىۋاتىدۇ.»

«مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىۋاتقان ياردىمى پۈتۈن دۆلەتكە ناھايىتى پايدىلىق، لېكىن يەرلىك ئاممىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق.»

ماقالىدە يۇقىرىقى سۆزلەر مەزكۇر ئەكسىيەتچى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ سۆزلىرى دەپ نەقىل ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس سۆزلىرىمۇ ئايرىم تەنقىدلەنگەن. ماقالىدە زىيا سەمەدىگە ئائىت دەپ تەنقىد قىلىنغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە:

... «شىنجاڭنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانغاندا ئەڭ ئوبدان چارە مۇستەقىللىق.»

... «ئەگەر جۇمھۇرىيەت تەلەپ قىلغانلاردىن 5000 مىڭلا كىشى بولسا، ئۇلار )يەنى خىتايلار( بۇلارنى قىرىپ تۈگىتەلمەيدۇ.»

ماقالىدە تەنقىدلەنگەن ئابدۇرېھىم ئەيسا نامىدىكى سۆزلەر تۆۋەندىكىچە:

... «پارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى رەھبەرلىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىق.»

... «خەنزۇلار ئىلىنى )غۇلجىنى( بېسىۋالىدى، ئۇلار بىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسىمۇ بىز سوتسىيالىزمنى قۇرالايمىز.»

... «خەنزۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغىچە، ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ياخشىراق.»

ماقالىدە ئىبراھىم تۇردىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى تەنقىدلەنگەن:

... «شىنجاڭدا ئىككى چوڭ تاغ بار، شەرقتە جۇڭگو، غەربتە سوۋېت ئىتتىپاقى.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 50 - يىللاردىكى مەشھۇر سىياسىي ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن زىيا سەمىدى، ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە ئىبراھىم تۇردى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى ئالغا ژۇرنىلىدا تەنقىدگە ئۇچرىغان سۆزلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.