سومالىغا بارغان ئۇيغۇر سېسترا: «دۆلەت سارىيىدا تۇردۇق، دۆلەت ئەربابلىرىدەك قوغدالدۇق»

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ئايلاردا سومالىدا خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ئانا-بالا دوختۇر-سېستىرا، خىزمەت قىلىش داۋامىدا ب د ت ۋە ئافرىقا بىرلىكى ئەسكىرى قوشۇنلىرى قوغداپ تۇرۇۋاتقان سومالى دۆلەت سارىيىدا تۇرغان، خىزمەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى سومالى ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداپىئەسى ئاستىدا داۋام قىلغان. سېسترا ئارزۇگۈل خانىم بۇ ئەھۋالنى ئاپىسى ئۇيغۇر رايونىدا دوختۇر مەزگىلدە يولۇققان ھەقسىزلىك ۋە چەتكە قېقىلىشلارغا سېلىشتۇرۇپ، سومالىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە كەسپىي قەدىر-قىممىتىنى تولۇق ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى پروگراممىلىرىمىزدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن ئارزۇگۈل نۇرمەمەت خانىمنىڭ، ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى، ئاقسۇدىكى دىنىي چەكلىمىلەردىن قېچىپ، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ بارغانلىقى، ئۈرۈمچىدىمۇ ۋەزىيەت ئوخشاشلا چىڭايغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ھەيدىلىشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىزدا ئۇنىڭ دوختۇر ئاپىسى ئايگۈل خانىمغا ھەمكارلىشىپ، سېسترالىق قىلىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىدىن مەلۇمات بېرىمىز.

يۇقىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر ئارزۇگۈل نۇرمەمەتنىڭ سومالى تەسىراتى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.