قاراقاش ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى: ئىككى مەيدان ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىرى چوڭ بازاردا
2018.01.16

15-يانۋار كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەندە بىر ئورۇنغا ئوت كەتكەنلىكى ھەققىدە كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقالدى، ئۇچۇردىكى غەيرىي رەسمىي چۈشەندۈرۈشتە ۋەقەنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خادىمى قاراقاشتا دۈشەنبە كۈنى ئىككى مەيدان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، بىرىنىڭ ئابدۇراخمان مەمتىمىن ئىسىملىك بىر ئاھالىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا قاراقاش چوڭ بازاردا يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. مەزكۇر خادىم ھەر ئىككى ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى خادىملار، نېمە ئۈچۈندۇر بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يوشۇردى ياكى جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاراقاش ناھىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، يېزىلىق ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىملىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھەرقانداق بىر ئوت ئاپىتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. قاراقاش ناھىيەلىك ئورمان ساقچىخانىسىنىڭ خادىمىمۇ، ئوت ئاپىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئارقىدىن قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم تۈنۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئىككى مەيدان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9:30 ئەتراپىدا قاراقاش «دابازا» غا ئوت كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئاپەت مەيدانىغا كېتىۋاتقان چېغىدا، يەنى يېرىم يولغا كەلگەندە ئوتنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ كېلىشىگە ھاجەت يوقلۇقى ئۇقتۇرۇلغان. يەنە بۇ خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئازراق مەزگىلدىن كېيىن بىر مەيدان ئوت ئاپىتىدىن ئۇچۇر كەلگەن.
ئەمما مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە ئۇچۇر بەرگەن بىر مۇھاجىر ئۇيغۇرنىڭ، يەنى قاراقاش ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ئوت ۋەقەسى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قاتناش بېكىتىنىڭ يېنىدىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەن ئۆستەڭبويى مەسچىتىدە يۈز بەرگەن. قاراقاش ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى راخمان ئىسمائىل، ئوت ئاپىتىنىڭ بىر تەربىيەلەش مەركىزىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى قاراقاشتا ئىككى مەيداندا ئوت كەتكەنلىكى بىلدۈرۈپ، ئىككى مەيداندىن بىرىنىڭ بىر ئاھالىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر يەنە بىر ئورۇننىڭ نامىنى دەپ بېرەلمىدى.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىككىنچى مەيدان ئوت كەتكەن ئورۇن، قاراقاش بازار ئىككىنچى كەنت بىرىنچى گۇرۇپپا ئەزاسى ئابدۇراخمان مەمتىمىننىڭ ئۆيى بولۇپ، ئىككىنچى مەيدانغا 12 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئىككى ماشىنا بىلەن بارغان ۋە ئوتنى ئۆچۈرگەن، ئەمما ئىككى قەۋەتلىك ئوينىڭ ماتېرىياللىرى ياغاچ بولغاچقا، ئۆي پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگىگەن؛ يەنە ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە ھەر ئىككى مەيدان ئوت كېتىشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش يۈز بەرمىگەن. بىز توردا تارقالغان ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ۋە ئادەم ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تاراتقۇلاردا ئۇچۇر بارلىقىنى ئەسكەرتكىنىمىزدە، مەزكۇر خادىم، 1-مەيدانغا شۇ تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ بارغانلىقى ۋە شۇلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى، تەپسىلىي ئەھۋالدىن ج خ تارماقلىرىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە چوڭ بازاردىكى ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقۇشىمىز ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قاراقاشتا دۈشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ بىرى ئاھالىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكى ئېنىق؛ ئەمما يەنە بىرىنىڭ بولسا، تەربىيەلەش مەركىزى ياكى چوڭ بازار ئىكەنلىكى، ياكى مەزكۇر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ چوڭ بازارغا تەۋە ياكى يېقىن جاي ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.