رابىيە قادىر: سىياسىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگۈسى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.06.23
rabiye-yaponiye-yighin-soz.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 20-ئىيۇن، توكيو.
AFP

مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر يىلى رامىزان مەزگىلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى تېخىمۇ قاتتىق بېسىمغا، دەخلى تەرزگە ئۇچرايدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ كەلمەكتە. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ يىل رامىزاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزانلىق تۈرلۈك چەكلىمە تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى تۇيۇقسىز ۋە مەخپىي تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

بۇ خىل سىياسىي بېسىمدىن باشقا يەنە، رامىزان باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان يەر تەۋرەش، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپەتلىرىگە ئوخشاش تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەت ۋە كۈلپەتلەردىن ئەندىشىلەنگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەردە قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقتىن ئالاھىدە ھال سورايدىغانلىقىنى، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋە ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەمگە موھتاج ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.