خىتاينىڭ تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئورنىغا، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى قۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.04.16
2015.04.16
AFP
4-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقى خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
600 مىڭ نوپۇسقا ئىگە تارىخىي ئۇيغۇر ۋىلايىتى بولغان تۇرپاننىڭ شەھەرگە ئۆزگەرتىلىشىدىكى مەقسەت زادى نېمە؟ خىتاي تارىختا نەچچە قېتىم بۇنداق مەمۇرىي ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارغان؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان؟ بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشكە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قانداق قارىماقتا؟
بۇ مەسىلىلەر بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات ۋە تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھاممەدى ۋە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.