«ئاق ئۆستەڭ» ئۆزىمىزنىڭ تېتىمسۇلىرىنى ئائىلىلەرگە باشلاپ كىرمەكچى؟
2014.03.11
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرلۈك ماركىلاردىكى ئاچچىقسۇ (سىركە)، «جاڭيۇ» دىن ئىبارەت كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشەش بۇيۇملىرىنىڭمۇ مۇسۇلمانلار ئىستېمالىدىكى ھارام ياكى شۈبھىلىك يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرىشى، بولۇپمۇ خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان جاڭيۇنىڭ ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغانلىقى ئاممىۋى تور بەتلەردە ئاشكارىلىنىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بەزى مىللىي كارخانىچىلار خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئېھتىياج تەلىپىگە ماس ھالدا يەرلىك ئاچچىقسۇلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان ئىدى. غۇلجا كېپەك يۈزىگە جايلاشقان «ئاق ئۆستەڭ» ئاچچىقسۇ زاۋۇتى يېقىندا يەنە پۇرچاق، كۆممىقوناق قاتارلىق تەبىئىي ئاشلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇسۇل بىلەن جاڭيۇ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە «جاڭيۇ» غا ئۇيغۇرچە ئىسىم تېپىش ھەققىدە جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ھازىرقى قىزىق پاراڭنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا ئاچچىقسۇنىڭ ئىستېمال قىلىنىش تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم كۈچلۈك، پۇرىقى مەززىلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داستىخىنىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشەش ماتېرىيالىدۇر. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ ‹‹مۇسۇلمانچە›› ياكى ئەمەسلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ مۇسۇلمانچە ئاچچىقسۇلارمۇ بازارغا سېلىندى، ئەمما قورۇمىنىڭ يېڭى، مەززىلىك تېمىلىرىنى ئاشۇرۇشقا، غەيرىي پۇرىقىنى تۈگىتىشكە ئىشلىنىدىغان يەنە بىر خام ماتېرىيال بولغان «جاڭيۇ»غا بولغان ئېھتىياج ئاساسەن يەنىلا خىتايلار ئىشلىگەن ئىشەنچ قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغان «جاڭيۇ»مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قامدالماقتا ئىدى.
ئۇندىدار سۇپىسىدا يېقىندا غۇلجا «ئاق ئۆستەڭ» ئاچچىقسۇ زاۋۇتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەقىقىي ساپ ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن جاڭيۇ بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە جاڭيۇنى ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ۋە پات ئارىدا بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما جاڭيۇ دېگەن خىتايچە نامنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە نام قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇ ھەققىدە جامائەتنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى جەمئىيەت مۇنازىرىلەر ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك تەم تەڭشەش مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە ئاساسەن ئاق ئۆستەڭ ماركىلىق ئاچچىقسۇ زاۋۇتى بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان جاڭيۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، زاۋۇتنىڭ مال سېتىشقا مەسئۇل خادىمى ئابدۇسەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى، ئاممىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش جەھەتتە قىزغىن پىكىر بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرچە زاۋۇتنىڭ جياڭيۇغا «تېتىمسۇ» دېگەن نامنى مۇۋاپىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، مۇلازىمەت كەسىپلىرى بويىچە ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە ئىشسىزلىق، خەير-ساخاۋەت، مائارىپنى قوللاش جەھەتلەردە زور رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، سودا پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتالىشىدىن باشقا يەنە، يەرلىك ئاممىنىڭ «ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى» دېگەن كۈچلۈك بىر ئىشەنچى بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە، غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئاچچىقسۇ قۇيمىغۇچە لەڭمەن يېمەيدىغان بىر خانىم، ئۆزىنىڭ يەرلىك خام ئەشيادىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزىمىزنىڭ «ئاق ئۆستەڭ» ئاچچىقسۇيىمىزدىن باشقىسىنى ئىچمەيمىز دەيدۇ.
ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان ئەنئەنىۋى ساھەلەردە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئۆزى بىلەن ئالاقىدار چوڭ تىپلىق سودا يىغىلىشلىرى، يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە كۆپ ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ سودىدىن ئىبارەت «ئالماشتۇرۇش» ساھەسىدىكى توسالغۇدۇر.
ئاق ئۆستەڭ ئاچچىقسۇ زاۋۇتىمۇ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ھەر دەرىجىلىك سودا تۈرلىرى، يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تىجارەت يوللىرى ھازىرلاش، ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. زاۋۇتنىڭ مال سېتىشقا مەسئۇل خادىمى ئابدۇسەمەت زىيارىتىمىز ئاخىرىدا مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارنى، تېخنىك كۈچلىرىنى ھەمكارلىققا چاقىردى.