ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىستىقبالىمۇ ئەركىنلىككە موھتاج

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدە ھاياتىنى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن پۇتبول ساھەسىدە بەلگىلىك ئاساسى بولغان ۋە ئىلگىرى ئانا ۋەتىنىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ھەم خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق، تېرنىرلىق قىلغان كەسپىي پۇتبولچىلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە؛ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىستىقبالىمۇ ئەركىنلىككە موھتاج ئىكەن.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پۇتبولچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت داۋامىدا، ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن بەدەن ساپاسى جەھەتتىن يۇقىرى ۋە تالانتلىق بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ مىللىي يەكلىشىگە ۋە چەتكە قىقىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى؛ ئوچاق بېشىدا داڭقان بار دېگەندەك؛ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىرىنىڭ مەلۇم باسقۇچتىلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى؛ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى بېسىپ، تۆۋەن سەۋىيەدە تۇنجۇقتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كەسپىي تېرنىرلارنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە تەربىيەلىنىشىگىمۇ يول قويمايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پەرزەنتلىرىدىكى بۇ تۇغما تالانتىنىڭ مەھكۇملۇق ئاستىدا خارلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى باشقا ساھەلەرگە يۆنلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولۇشتەك ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ئەمەلىي مىساللار بىلەن دەلىللەنمەكتە.

95‏-يىلىدىن باشلاپ پۇتبول ساھەسىگە كىرىپ، ئۈرۈمچى شەھەر كوماندىسى، شىنجاڭ كوماندىسى ۋە باشقا كىچىك كولۇبلاردا تەربىيىلىنىپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە توپ تەپكەن ئابلەت شەمشى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسىدا بايان قىلىشىچە؛ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ مىللىي يەكلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرا سەۋىيىگە بارمايلا شاللىۋېتىلىدىكەن.

كىچىكىدىن باشلاپ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىتاينىڭ كەسپىي كولۇبلىرىغا تاللانغان ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئىلشات ئىسلام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: خىتايلار ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىيىلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل كوماندىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگىمۇ يول قويمايدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ، پىداگىكوكا ئىنستىتوتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە ئوقوتقۇچىسى، پۇتبول كوماندا يېتەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئۆتكۈر يۈنۈس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە: ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيىسى خەلقئارادىكى باشقا بالىلارنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەن.