خىتاينىڭ قەشقەر ۋە كورلا سوت مەھكىمىسى 26-مارت كۈنى 20 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈملىرىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ خىتاينىڭ سوت خەۋىرىدە ئاتالمىش جىنايەتلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ، ھېچ بىرىدە پاكىت كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ توردا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە چەتئەلگە چىقىشنى پىلانلىشىنىڭمۇ جىنايەت ھېسابلانغانلىقىنى خەلقئارا جامائەت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار دەپ كۆرسەتتى.
26-مارت كۈنى خىتاينىڭ قەشقەر سوت مەھكىمىسى ئايرىم-ئايرىم 4 دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى دېلودا قادىرجان ئۆمەر ۋە مەمتىمىن بەكرى قاتارلىق 8 كىشى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ جىھاد قىلماقچى بولغانلىقى ۋە چەتئەلگە چىقىشنى پىلانلىغانلىقى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىلگەن. 2-دېلودا روزى بارات، ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىق 5 كىشى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەيىبلەنگەن ۋە ئوخشاشلا ئېغىر جازالانغان. خەۋەردە ئۇلارنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۇرغانلىقى، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چاققانلىقى، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ۋەقەنىڭ قاچان، قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى ۋە كىملەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. 3-دېلودا مەمەت ئەخمەت ۋە ئەخمەتجان ئەخەت ۋە مەخمۇت تۇرسۇن قاتارلىق 3 كىشى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەيىبلىنىپ، ئالدى 13 يىللىق، ئارقىسى 3يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 4-دېلودا بولسا مەخمۇت ئابلىز ۋە ئابدۇكېرىم غوپۇر قاتارلىق 6 كىشى يەنە ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالدى 15 يىللىق، ئارقىسى 3 يىللىق كېسىلگەن. يۇقىرىقى 4 دېلونىڭ ھەممىسىدە، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئاڭلاش ۋە تەبلىغقە قاتنىشىش جىنايى قىلمىشلار دەپ بېكىتىلگەن. خىتاينىڭ بايىنغولىن سوتى 26-مارتتا ئېلان قىلغان سوت ھۆكۈمىدە كېرىم مەمەت ئىسىملىك بىر كىشىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. خەۋەردە كېرەم مەمەتنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدە توردا چايخانا قۇرغانلىقى ۋە بۇ چايخانىدا مىللىي مۇستەقىللىقنى، تېررورچىلىقنى، دىنىي رادىكاللىقىنى تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە توردا باشقىلارنى ئەكسىيەتچى سۆز قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز بۇ ھۆكۈملەرگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباينى زىيارەت قىلدۇق.
-يۇقىرىقى سوت ھۆكۈمىگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى قانداق؟
-ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىمىز، خەۋەردە جىنايەت دەپ ئاتالغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى جىنايەت ئەمەس. مەسىلەن تەبلىغ ئاڭلاش، تەبلىغ قىلىش، چەتئەلگە چىقىشنى پىلانلاش، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلىرىنى بىلىش ھەرگىز جىنايى قىلمىش ئەمەس؛ ئۇ پەقەت ئۆز رايونىدىكى ۋە دۇنيادىكى سىياسىي ۋەقە، سىياسىي تەشەببۇسلاردىن خەۋەر تېپىش ۋە مەلۇماتلىق بولۇش ۋە ئۇچۇر ئىگىلەشتىن ئىبارەت ئىنسانىي ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىشلار. شۇڭا خىتاي سوتىنىڭ توخشىمىغان چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلارنى ئاڭلاشنى جىنايەت كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ ئۆزى، ئۆز ئىجرائاتلىرىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە خاتالىقلاردىن قورقۇش يەنى بۇ ئادالەتسىزلىككە قارىتا مەيدانغا كەلگەن قارشىلىقلاردىن ئەندىشە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
-خەۋەردىن قارىغاندا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپتۇ، بۇمۇ جىنايى پاكىت ھېسابلىنىپتۇ، سىزچە بۇ توغرىمۇ؟
-دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ۋە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئۆگىنىش نورمال بىر جەمئىيەت ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە توغرا-خاتانى ئايرىپ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. يەنى شەخس ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئۆز سىياسەتلىرىنىڭ ۋە ئىجرائاتلىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن بىر ھاكىمىيەت پۇقرالىرىنىڭ ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن خەۋەر تېپىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلمايدۇ. پەقەت دىكتاتورلار ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردىن قورقىدۇ ۋە ئۇنى ئۆگىنىشنى چەكلەيدۇ.
-خەۋەرلەردە يەنە، سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى تارتقان نۇقتىلار قايسى؟
-خەۋەردە روزى بارات ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىز قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاپتوموبىل، موتسىكلىتلارنى ئۇرۇپ چاققانلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى تىلغا ئېلىنىپتۇ. ئۇنداقتا بۇ ۋەقە قاچان، قەيەردە يۈز بەردى؟ مۇشۇنداق بىر جىددىي ۋەقەنى نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەن چاغدىلا ئېلان قىلمايدۇ؟ دېمەك، ياكى ۋەقەلەر ئويدۇرما، ياكى ۋەقەلەر مەۋجۇت ۋە جىددىي، ۋەقەنىڭ جەريانى خىتاينىڭ ئادالەتسىزلىكىنى، خاتالىقلىرىنى پاش قىلىدىغان ماھىيەتتە. شۇڭا بىز بۇ پۇرسەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ رېئال ۋە جىددىي ۋەزىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ بىلىپ قېلىشىنى قايتا تەۋسىيە قىلىمىز.
-كورلا سوت مەھكىمىسى تور چايخانىسىنى قۇرغان كېرەم مەمەتنى 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان، پىكرىڭىز قانداق؟
تور چايخانىسى قۇرۇپ ئەل-جامائەت ئۈچۈن سۆھبەت مۇھىتى بەرپا قىلغان بىر كىشى ئەسلىدە رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، تەقدىرلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغان، جازالانغان. دېمەك، بۇ ھۆكۈم خىتاينىڭ تېخى دېموكراتىك ئاڭ ۋە تۇيغۇدىن نە قەدەر يىراق ۋە يوقسۇزلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يىغىنچاقلىساق، يۇقىرىقى ھۆكۈملەر بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى ئەندىشىسى بىلەن نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش، باش كۆتۈرگۈزمەسلىكتىن ئىبارەت سىياسىي چاقىرىقىنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن. ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسلانغىنى پاكىتلار ئەمەس، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىنىڭ گۇمان ۋە ئەندىشىلىرى. بىز دۇنيادا ئىنسانىي ھەق ۋە ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان ۋە بۇ يولدا تەر ئاققۇزۇۋاتقان بارلىق گۇرۇپپىلارنى خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمنامىسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشقا ۋە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىمىز.
