خوتەندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىككى ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.07.17
yusup-exmet-qadir-305.jpg تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى يۈسۈپ ئەخمەتقادىر(سول) ۋە مەمەتئېلى تۇرسۇننىياز.
http://uy.ts.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 11 گۇماندارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش (2)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى يېقىندا 11 كىشى ئۈستىدىن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا گۇماندارلاردىن يۈسۈپ ئەخمەتقادىر بىلەن مەمتىلى تۇنىيازنىڭ قاراقاش دەرياسىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا، خوتەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى ئامانلىق خادىمىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ جەسىتىگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان؛ ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ياغلىقسىزلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قوللانغانلىقى، ئۆلتۈرۈلگەن ئامانلىق خادىملىرى بولسا بۇ تۇزۇمنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپلىق قىلىشتىن باشقا، يېزىلىق ساقچىخانىغا ماسلىشىپ پايلاقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.

بىز تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق:

خادىم: خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى!
مۇخبىر: ئۆتكەندە ئىككى ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن مەكتەپ قايسى مەكتەپ؟
خادىم: مېنىڭ تازا خەۋىرىم يوقكەن.
مۇخبىر: ماڭا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بەرسىڭىز؟
خادىم: ئەركىن ئابلىز، تېلېفونى....

مۇخبىر: مۇدىر ئەركىن ئابلىزمۇ؟
مۇدىر: شۇنداق مەن.
مۇخبىر: سىلىنىڭ مەكتەپتە ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟
مۇدىر: ئۇ ۋەقە بىزنىڭ مەكتەپتە يۈز بەرمىدى، يېڭىئاۋاتتا يۈز بەردى.
مۇخبىر: ئۇنداقتا ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپ ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىدىكى مەكتەپمۇ؟
مۇدىر: شۇنداق، يېڭىئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپ.

بىز ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى بىلىۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەردىن ئۆلگەن ئامانلىق خادىملىرىنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەدە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەن ئامانلىق خادىملىرىدىن بىرى 29 ياشلىق شىرئەلى ئەزىز، يەنە بىرى بولسا 41 ياشلىق ئابلىكىم ئاخۇنباي. ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، بۇلار مەكتەپتىكى قوغداش خىزمىتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا، خانئېرىق ۋە يېڭىئاۋات ساقچىخانىنىڭ خادىملىرىغا ماسلىشىپ، پايلاقچىلىق خىزمىتى قىلغان. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىككى يېزا تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا، پىدائىيلارنىڭ بىر قىسىم پىلانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. يەنە ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئامانلىق خادىمى مەكتەپنىڭ ياغلىقسىزلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتا، قىز ئوقۇغۇچىلارغا قوپاللىق قىلىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ تەھدىت ئىشلىتىپ قىزلىرىنى مەكتەپكە ياغلىقسىز ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان. مانا بۇ ئەھۋاللار، ۋەقەدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشىغا سەۋەب بولغان. يۈسۈپ ئەخمەتقادىر ۋە مەمتىلى تۇرسۇننىياز قاتارلىق پىدائىيلار گۇرۇھى قاراقاش دەرياسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن 3 ھەپتە بۇرۇن، بۇ ئىككى ئامانلىق خادىمىغا ھۇجۇم قىلغان. بىز ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يېڭىئاۋات ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پارتكوم سېكرىتارىغا تېلېفون قىلدۇق:

مۇخبىر: سىز مۇشۇ مەكتەپنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولامسىز؟
سېكرېتار: شۇنداق، سېكرېتار ھەم مۇدىر.
مۇخبىر: مەكتىپىڭلاردا ئىككى ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە سىز قەيەردە ئىدىڭىز؟
سېكرېتار: مەنمۇ مەكتەپتە ئىدىم. مەكتىپىمىزدە ناھىيە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى؛ ناھىيىدىنمۇ كەلگەن رەھبەرلەر بىلەن شۇنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىدۇق. ئىككى ئامانلىق خادىمى كېلىپ ماڭا، سىز ئەتە ئىشلەيسىز دەم ئېلىۋېلىڭ دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سائەت 2 گە يېقىنلاشقاندا، بىر چاغدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، مېنى ئوت كەتتى دەپ ئويغاتتى، يۇگرىشىپ بارساق، قوغداش بۆلۈمى ۋە ئالدىدىكى 3 ماشىنا كۆيۈۋېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوغداش ئۆيىدىن جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ ئاندىن قانۇن ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلدۇق. قانۇن ئورۇنلىرى جەسەتنىڭ بەدىنىدە پىچاق ئىزى بارلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ ئاددىيلا ئوت كېتىش ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى بېكىتىپ دېلو تۇرغۇزدى. دېلو سادىر قىلغۇچىلار 4 كىشى ئىكەن. ئىككىسىنى تۇتتى، ئىككىسىنى تېخى ئىزدەۋاتىدۇ.
مۇخبىر: مەكتىپىڭلارنىڭ ھەم ئىككى نەپەر ئامانلىق خادىمىڭلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى نېمە دەپ تەخمىن قىلىسىلەر؟
سېكرېتار: بىرىنچىسى مەكتىپىمىز، ناھىيە بويىچە يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، چوڭ بىر پائالىيەتكە ساھىپخانلىق قىلماقچى ئىدى؛ بۇنداق بىر شان-شەرەپكە ئۈچ خىل كۈچلەر بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئويلىدى بولغاي. ئىككىنچىسى مەكتىپىمىزدە قىز ئوقۇغۇچىلارنى ياغلىقسىزلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈمگە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقى، ھەتتا قورساق كۆپۇكى بار ئىدى؛ بۇنى بىزگە ئايرىممۇ دېگەن، ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. مۇشۇ ئىككى سەۋەب دەپ چۈشەندۈق.
مۇخبىر: ياغلىقسىزلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاچاندىن بېرى يولغا قويۇلۇۋاتقان؟
سېكرېتار: بىر يېرىم يىلدىن بۇيان. بۇ يالغۇز بىزنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس، ناھىيە بويىچە ھەممە مەكتەپتە يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.
مۇخبىر: مەكتىپىڭلاردا قانچە ئوقۇغۇچى بار؟
سېكرېتار: 1592 ئوقۇغۇچى بار.
مۇخبىر: ئىككى ئامانلىق خادىمىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا تۆلەم بېرىلدىمۇ؟
سېكرېتار: بېرىلدى، بىرسىگە 420 مىڭ، يەنە بىرىسىگە 450 مىڭ يۈەن بېرىپ ئائىلىلەر رازى قىلىندى.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 11 گۇماندارنىڭ سادىر قىلغان دېلولىرى ھەققىدىكى چاتما خەۋىرىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.