ئاتۇشتا 70 كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.03.13
herbi-manewir-xoten-ayropilan.jpg يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن توشۇلغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى «تېررورلۇق» قا قارشى مانېۋىر ۋە قەسەميادقا تەييارلىق قىلىپ، ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئاتۇشتا 70 چە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، خەۋەرنىڭ ۋەھىمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندە قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، گۇماننى يېشىشكە چاقىرىق قىلدى.

رادىئومىز مۇخبىرلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى.

ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخباراتتا، ئاتۇشتا پۇتبول ئويناۋاتقان ۋە تاماشا كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، توقۇنۇشتا 70 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۇچۇرلاردىن بىرىدە، ۋەقەنىڭ ئۈستۈن ئاتۇشتىكى بوستان كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، يەنە بىرىدە بولسا، ۋەقەنىڭ قەشقەر -ئاتۇش يولى ئۈستىدە يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۈستۈن ئاتۇش بوستان كەنتىنىڭ سېكرېتارى ھەمدۇل، ئۈستۈن ئاتۇش دوختۇرخانا باشلىقى غالىپ، دەم ئېلىشقا چىققان كەنت سېكرېتارى ئابدۇرېشىت قاتارلىق 20 ئەتراپىدا كىشىنى تېلېفوندا زىيارەتتە قىلدۇق. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم گەپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ ھەقتە مۇخبىرلىرىمىز ئەركىن، گۈلچېھرە ۋە قۇتلان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئېنىقلاشلاردىمۇ، پەرقلىق بىر نەتىجە چىقمىدى.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ يەنە بىر بالداق جىددىيلەشكەنلىكى، بۇ جەرياندا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىت ۋە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلسا، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى يەنىلا گۇمانلىق. شۇڭا مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز يەنە داۋاملىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.