دۆرلبېجىندە يۈتۈپ كەتكەن 7 يېرىم ياشلىق سۈرىيەنىڭ ئاتا، ئانىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 17 شەھەر 80 ناھىيىسىنىڭ ھەر بىر يېزا، كەنتلىرىگە قەدەر قىزىنى ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ، مانا بۈگۈن 65 كۈن بولدى، سۈرىيەنىڭ خەۋىرى يوق.
سۈرىيەنىڭ ئاتا، ئانىسىنىڭ پەرزەنت ھىجرانى ئىچىدىكى نىداسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى قاپلىدى، ئۇلار قىزىنى تېپىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىنى، بارلىقىنى سەرپ قىلىشقا رازى ئىكەنلىكى ھەققىدە تاراتقۇلاردا، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە جەمئىيەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق ۋە قوللاش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى. ھالبۇكى، جەمئىيىتىمىزدە بالىلارنى ئوغرىلىغان قارا نىيەتلەردىن باشقا يەنە، بالىسىنى يۈتتۈرگەن بەختسىز ئاتا-ئانىلىرىنىمۇ ئالداشقا، ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا پېتىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئېلنۇر خانىم قىزىنى ئىزدەش جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق ئىككى قېتىملىق ئالداشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى، ئەمما يەنىلا «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياخشىلار ھامان يامانلاردىن جىق كۆپ» دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قىزىنى ئىزدەشنى داۋام قىلىۋاتقان ئانا ئېلنۇر بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.