ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەر بايدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن زادى قانچىلىك خەۋەر تاپتى؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.10.28
komurkan-komur-kan.jpg خىتايدىكى مەلۇم كۆمۈركان. 2015-يىلى 20-ئاۋغۇست.
AFP

18-سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى رادىئومىز ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلغان.

50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىر پارچىمۇ خەۋەر بەرمەسلىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇنداقتا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن زادى قانچىلىك خەۋەر تاپالىغان؟ دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ خەلق ئارىسىغا تارقىلىشىنى قاتتىق توسۇشى زادى قانچىلىك ئۈنۈم كۆرسىتەلىگەن؟

بىز بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى جايغا تېلېفون قىلدۇق. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىغا «مۇقىملىق» خىزمىتى ئۈچۈن چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا كەنتتىكى دېھقانلارنى باي ۋەقەسى توغرىسىدا گەپ-سۆز قىلىشتىن قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ تېمىدا گەپ-سۆز قىلمايدىغانلىقىنى ياكى سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزا قايراق كەنتىدىكى «قىزىل تەشۋىقات چولپىنى» قۇربان ئۆمەردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا بايدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما خەلق ئارىسىدا بۇ ھەقتە گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى: «بايدىكى ۋەقەنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت-ژۇرناللىرىدا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە نېمە ئۈچۈن خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى بىلمىدىم. ھالبۇكى، خەلق ئارىسىدا باي ناھىيىسىدە كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىلىق مىش-مىش گەپلەر بولماقتا. شەخسەن ئۆزۈم بۇ ھەقتە ئىككى كىشىدىن ئاڭلىدىم. مەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە كىرىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەپ باقماقچىمەن ھەمدە ‹ئەسەبىي كۈچلەر› نىڭ ۋەقە پەيدا قىلىپ مۇقىملىقنى بۇزغانلىقىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارماقچىمەن. مەن ھازىرغا قەدەر ھويلامدا قىزىل بايراق چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمىدىمۇ بالا-چاقىلىرىم بىلەن بايراق چىقاردىم. ئۆتكەندە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ شىڭخەي ئاتۇشنى زىيارەت قىلغاندا مەخسۇس مېنىڭ ئۆيۈمگە چىقىپ، پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى…»

ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر نەپەر «مۇقىملىق» كادىرى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىكى «تەشۋىقات چولپىنى» قۇربان ئۆمەرنىڭ بايانلىرى بىزگە بايدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاللىقاچان ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.