خىتاي كۆچمەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى چاناپ ئۆلتۈرگەن
2013.04.09
تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىز رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئىنكاس يوللاپ، پىچاندا 7 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ بىر خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى پاش قىلدى. تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىنىشىچە ۋەقە پىچاننىڭ دىغار يېزىسىدا 21-مارت كۈنى يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن پىچاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. نەتىجىدە يەتتە ياشلىق ئەنقەرجان ئارىزنىڭ 52 ياشلىق بىر خىتاي خۇمدان ئىشچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئېغىزىدىن ئىسپاتلاندى.
ئېلخەتتىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ۋەقە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى پىچاننىڭ دىغار يېزا، كارىز كۆل كەنتىدە يۈز بەرگەن. كەنتتىكى ئەھەد ئارىزنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى ئەنقەرجان ئارىز، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككى دوستى بىلەن ئۆيلىرىگە يېقىن ئەتراپتىكى بىر خۇمداننىڭ يېنىغا ئوينىغىلى بارغان. بۇلارنى خۇمدانغا ئوغرىلىق قىلغىنى كەلدى دەپ چۈشەنگەن بىر خىتاي ئىشچى، بۇ بالىلارنى قوغلىغان ۋە ئارىسىدىن بىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خۇمداننىڭ يېنىدىكى ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتكەن. ئەنقەرجاننىڭ قېچىپ كەتكەن ئىككى دوستى ئەھۋالنى ئاتا-ئانىلىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەنقەرجاننىڭ دادىسى خۇمدانغا يېتىپ بارغان. ئۇ يېتىپ بارغىنىدا ئوغلىنىڭ چانالغان جەسىتى بىلەن ئۇچراشقان. بىز بۇ ۋەقەنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال شۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە، ئاندىن ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.
دىغاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي ئايال ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن ئىگىلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن دىغاردىكى بىر كەنت باشلىقى بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ دىغاردا 7 ياشلىق بىر بالىنىڭ بىر خىتاي خۇمدان ئىشچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىقتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ جەمئىيەتتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن 7 ياشلىق بالىنىڭ چەيدو بىلەن باش ۋە دۈمبە تەرىپىدىن چانالغانلىقىنى، بالىنىڭ جەسىتىنى غەۋغاسىز قويدۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ جىددىي ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دىغاردىن باشقا، دىغارغا قوشنا بولغان لۈكچۈن ۋە تۇيۇق يېزىلىرىدىمۇ شۇ كۈنلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، دوقمۇش-دوقمۇشتا ھەربىيلەرنىڭ نۆۋەتتە تۇرغانلىقىنى، ھەتتا دەسلەپكى ئىككى كۈندە بۇ ئۈچ يېزىدا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. شۇڭا بىز ئاخىرىدا لۈكچۈن يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانىنىڭ سىياسىي كوماندىرى پەتتار تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى:
سوئال: سىز مۇشۇ ساقچىخانىنىڭ سىياسىي كوماندىرى (جىداۋيۈئەنى) شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ھەئە، مەن شۇ.
سوئال: 7 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى دىغار يېزىسىنىڭ قايسى كەنتىدە يۈز بەردى؟
جاۋاب: كارىز كۈل كەنتىدە.
سوئال: ۋەقەنىڭ جەريانى قانداق بوپتۇ؟
جاۋاب: 3 بالا ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر خۇمدانغا ئوينىغىنى بېرىپتۇ؛ بارسا، خۇمداندا ئىشلەيدىغان بىر خەنزۇ ئۇلارنى قويلاپتۇ( قوغلاپتۇ)، ئۇلارنى قويلاپ بىرىنى تۇتۇۋېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىپ چاناپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
سوئال: قاتىلنىڭ ئىسمى نېمىكەن؟
جاۋاب: ئىسمى ئېسىمدە يوق، تۇغۇلغان يىلى 1962.
سوئال: ئۇ خەنزۇنىڭ 7 ياشلىق بالىنى ئۆلتۈرۈشتىكى مەقسىتى نېمىكەن؟
جاۋاب: دېلوغا مەن كونكرېت ئارىلاشمىدىم، شۇڭا ئۇ تەرىپىنى ئۇقمايمەن. مەن پەقەت مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدۇم. مېيىت نامىزى، 3 ۋە يەتتە نەزىرىدە باشتىن ئاخىر نەق مەيداندا بولدۇم.
سوئال: قاتىلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالى بارمىكەن؟
جاۋاب: بۇنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما بالىلارنى ئوغرىلىق قىلغىنى بارغان دېگەن گەپ توغرا ئەمەس. ئۇ يەردە ئۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن ئەمەس.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر يېزىغا كېلىپ يەرلىشىپ خۇمدانچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن يېزىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى پەيدا بولغان. نەتىجىدە يېقىنقى يىللاردىن يېرى يەرلىك ئاھالىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يېزىدىن كۆچۈپ كېتىشى ياكى خۇمدانلارنىڭ تاقىشىنى تەلەپ قىلىپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنغان. بۇ نارازىلىق بەزى سورۇنلاردا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈركىلىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مانا بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر ۋەقەگە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى شۇ سۈركىلىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلىنماقتا. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆلگۈچى ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىمۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلمىغان. ئۇلارمۇ ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە خۇمداندىكى خىتايلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھەقتە كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.