قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ بىرىنىڭ سىڭلىسى 7 يىللىق قاماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.03
karamayda-tutulgan-roshengul-diniy-kiyim-romal.jpg دىنىي يوسۇندا كىيىم كىيگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان روشەڭۈل. 2014-يىلى، قاراماي.
RFA/Ehsan

مۇخبىرىمىزنىڭ 28-دېكابىر قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قوزغاتقان سەۋەبلەر ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان 4 گۇمانداردىن بىرى ئابدۇلېتىپ مەتقۇرباننىڭ بىر سىڭلىسىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا يەتتە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ياۋا يېزا جاھانباغ كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئابدۇلېتىپ مەتقۇرباننىڭ ئىلگىرى تاغقا قوي ئەكەلگىنى چىققاندا تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىش گۇمانى بىلەن بىر قېتىم خاتا تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئۆزىلا ۋەقەنىڭ سىياسىي خاراكتېرىنى يەنى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا. شۇنىڭدىمۇ بىز ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان قوزغاتقۇچ سەۋەبلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. گۇماندارلاردىن بىرى 23 ياشلىق ئابدۇلېتىپ مەتقۇربان. ئۇ، قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىسىنىڭ جاھانباغ كەنتىدىن. ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئابدۇلېتىپ مەتقۇربان 2014-يىلى تاغقا قوي ئەكېلىش ئۈچۈن چىققان، شۇ چاغدا 21 ياش بولغان ئابدۇلېتىپ مەتقۇربان تاغدا دوستلىرى بىلەن يۈگرىشىپ ئويناۋاتقاندا گۇما ناھىيىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق ئۈچۈن مەشىق ۋە تەييارلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 3 ئاي ھەقسىز تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئۇچۇر جاھانباغ كەنت ئامانلىق مۇدىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.

ئامانلىق مۇدىرىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئابدۇلېتىپ مەتقۇرباننىڭ ۋەقەدە رول ئېلىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ رول ئوينىغان سەۋەبلەردىن بىرى نەۋرە سىڭلىسى 21 ياشلىق راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىشى بولۇشى مۇمكىن. يەنە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كەنتتە ئېلىپ بېرىلغان بايراق چىقىرىش ۋە نۆۋەتتە تۇرۇش قاتارلىق سىياسىي ھەرىكەت ۋە ئۆگىنىشلەرمۇ ئۇنى بىئارام قىلغان ياكى ئۇنىڭ جېنىغا پاتقان بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.