خىتاي رەسمىي ساقچىلىرى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ياردەمچى ساقچىلارنى قالقان سۈپىتىدە قوللانغان
2013.11.21

مەلۇم بولۇشىچە، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى قۇربان ھەيدەر 16-نويابىر كۈنى ئەتىگەندە سېرىقبۇيا ساقچىخانا خادىملىرىغا يىغىن ئېچىپ، شۇ كۈنلۈكتە ئىككى نەپەر سەزگۈر گۇماندارنى تۇتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋەقە چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ساقچىلارنى ھوشيار بولۇشقا ۋە ھەرىكەتكە تەييار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئارقىدىن ساقچىخانىنىڭ ئىسكىلاتىدىكى زاپاس قورال ۋە ئوق رەسمىي ساقچىلارغا تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلگەن. پەقەت ياردەمچى ساقچىلارغىلا قورال بېرىلمىگەن. ئەمما ھۇجۇم باشلانغاندا رەسمىي ساقچىلار يەنى دۆلەت ساقچىلىرى بىنانىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ھۇجۇمچىلارنىڭ ئالدىنى توسقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ياردەمچى ساقچىلىرىنىڭ بىنانىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىشىگىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ساقچىلىرى ياردەمچى ساقچىلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ تۇرۇپ پىدائىيلارنى ئوققا تۇتقان.
***********************
خادىم: شۇ كۈنى ئەتىگەندە ساقچىخانىدا يىغىن ئېچىلغان، ئارقىدىن قورال ۋە ئوق تارقىتىپ بېرىلگەن.
مۇخبىر: قورال نېمە ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىلگەن؟ بىر ۋەقە چىقىپ قېلىشنى بىلگەن گەپمۇ؟
خادىم: پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە چىقىپ قالسا دەپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە تارقىتىپ بېرىلگەن.
مۇخبىر: بۇ يەردە 23-ئاپرېل ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولغاندىكىن، ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بار دەپ تەخمىن قىلىمىز، شۇ كۈنى قورال تارقىتىشتىكى سەۋەب نېمە؟
خادىم: ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىككى ئادەمنى تۇتماقچى، ئۇلارنى تۇتقاندىن كېيىن ۋەقە چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ تەخمىن قىلىنغان، ساقچىلارنى ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.
مۇخبىر: دېمەك، ئىككى گۇماندارنى تۇتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ھۇجۇم قىپ قالىدۇ دەپ تەخمىن قىلىنغانمۇ؟
خادىم: شۇنداق. ئادەتتە رەسمىي ساقچىلارنىڭ ھەممىسى ھەر ۋاقىت قورال كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ؛، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىسكىلاتتا بار قورالنىڭ ھەممىسى تارقىتىپ بېرىلگەن. ئۇ كۈنى ياردەمچى ساقچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممسىدە قورال بار.
*********************
مۇخبىر: سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: ھە، نېمە گەپ؟!
مۇخبىر: نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟ ھازىر ۋەزىيەت قانداق؟
خادىم: ھازىر ۋەزىيەت ياخشى، جىبەردە(نۆۋەتتە) تۇرۇۋاتىمىز.
مۇخبىر: ھازىر قانچە ساقچى بار نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان؟
خادىم: رەسمىي ساقچىدىن 4، ياردەمچى ساقچىدىن 10.
مۇخبىر: شەنبە كۈنىدىكى ۋەقەدىن كېيىن تەكرار يەنە ۋەقە يۈز بەردىمۇ؟
خادىم: ياق.
مۇخبىر: شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا سىزمۇ بارمۇ؟
خادىم: بار.
مۇخبىر: سىزدىمۇ قورال بارمىدى؟
خادىم: دەسلەپتە يوقتى، كېيىن بېرىلدى.
مۇخبىر: شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئالاغىردىكى ئىككى گۇماندارنى تۇتۇشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ساقچىلارغا قورال تارقىتىلدى دېگەن گەپ بار، ئۇ چاغدا سىزگە بېرىلمىگەنمۇ؟
خادىم: شۇنداق، ئەتىگەندە قورال تارقىتىلغان، ئەمما قورال ھەممىزگە بىردىن توغرا كەلمىگەن.
مۇخبىر: قورال تارقىتىلغىنىغا قارىغاندا، ۋەقە چىقىدۇ دەپ ئېنىق ئۇقتۇرغانمۇ؟
خادىم: شۇنداق ئۇقتۇرغان، ھوشيار بولۇڭلار دېگەن.
مۇخبىر: سىزگە قانچە پاي ئوق بېرىلدى؟ قانچىلىكنى ئاتتىڭىز؟
خادىم: ماڭا 30 پاي ئوق بېرىلگەن، ئاتتىم؛ ئەمما ئۇ كۈنكى ۋاش-ۋاشچىلىقتا قانچىلىك ئوق ئاتقىنىمنى بىلمەيمەن.
مۇخبىر: شۇ كۈنى بىنانىڭ ئىشىكى تاقىۋېلىنغاندا ياردەمچى ساقچىلار بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغانمۇ ياكى....
خادىم: ياق.
مۇخبىر: ئەمىسە، نېمە ئۈچۈن بىنا ئىشىكىنى تاقىۋالدىڭلار؟
خادىم: ئۇ كۇڭبۇفېنزىلار(تېررورچىلار) بىناغا كىرەيلا دەپ قالغان.
مۇخبىر: شۇ كۈنى ساقچىخانىدا قانچىلىك ياردەمچى ساقچى بار ئىدى؟
خادىم: ھەممە ساقچىلارغا يىغىن بار دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان؛ سائەت ئىككى مەزگىلىدە 20 نەچچە ياردەمچى ساقچى توپلانغان. ئۇشتۇمتۇت يىغىن سائەت 5كە كېچىكتۈرۈلدى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ياردەمچى ساقچىلارنىڭ يېرىمى قايتىپ كەتتى، يېرىمى ساقچىخانىدا قالغان.
مۇخبىر: شۇنىڭدا، بىنانىڭ ئىشىكى تاقالغاندىن كېيىن بىنانىڭ سىرتىدا قالغان ساقچى قانچە؟
خادىم: 7-8 ياق، 10 غا يېقىن بار.
مۇخبىر: بۇلاردىن قانچىسى ئۆلۈپ، قانچىسى يارىلاندى؟
خادىم: ئىككىسى ئۆلدى، 4 ئى يارىلاندى.
مۇخبىر: ئۆلگەن ساقچى 3 دېيىلگەنغۇ؟
خادىم: يەنە بىرى مىنجىڭ(رەسمىي ساقچى).
مۇخبىر: شۇ كۈنى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا توپلانغان كىشىلەر بىلەن ئاراڭلاردا نېمە ئىش يۈز بەردى؟
خادىم: ئۇلار شۇ قىزىقىپ توپلانغانلار ئىدى، تارقىتىۋەتتۇق.
مۇخبىر: مۇنداق بىر گەپ بار: دەرۋازىنىڭ ئالدىدا توپلانغانلار قورۇنىڭ ئىچىدە ئېتىلىۋاتقانلار ئارىسىدا بىزنىڭ بالىلىرىمزمۇ بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن «ئاتماڭلار، ئاتساڭلارمۇ پۇتىغا ئېتىپ تۇتۇپ سوتلاڭلار» دەپ يالۋۇرغان ياكى نارازىلىق بىلدۈرگەن.....
خادىم: ساقچىخانىمىز يەكەن تاشيولىنىڭ ئۈستىدە بولغاچقا، يىغىلغان ئادەم ناھايىتى جىق، مىڭغا يېقىن ئادەم بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نېمە گەپلەر بولغانلىقىنى مەن ئۇقمايمەن.
مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ۋەقەدە ئۆلگەن ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، رەسمىي ساقچىلارنىڭ ۋەقە چىقىپ قېلىش ئېھتىمالىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ساقچىخانا دەرۋازىسىدا پوستا تۇرمىغانلىقى، ھەتتا ھۇجۇم باشلانغاندا بىناغا قۇلۇپ سېلىۋېلىپ، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىغا پۇرسەت بەرمىگەنلىكى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ياردەمچى ساقچىلارنى قالقان سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشماقتا.