تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئائىلىسىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلدى
2016.08.24

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يازغان مۇراجىئەتنامە، 24-ئاۋغۇست ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلغان. مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى بۇ يىل 2-ئاۋغۇست رادىئومىزدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تاپشۇرغان.
مۇراجىئەتنامىنىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقتى دەل توكيودا كورېيە، خىتاي، ياپونىيە ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان يەنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن يېزىلغان مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ دەل خىتاي-ياپونىيە سۆھبىتىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى بولغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى سۆھبىتى مەزگىلىدە تاپشۇرۇلۇشى، بەلكىم ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى رەھبەرلەرنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان مەقسەتلىك پىلانى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇراجىئەتنامە تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئائىلە-تاۋابىئاتى دۇنياغا ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىگە ئاساسەن تەييارلانغان.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر مۇراجىئەتنامە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن تاپشۇرۇلغان بولۇپ، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بۇ يىل 6-ئايدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، بۇ مەسىلە ھەققىدە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇراجىئەتنامىدە تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە سالامەت يېتىپ بېرىۋېلىشى ئۈچۈن ياپونىيە تەرەپنىڭ ياردەمدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خادىملار مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارغاندىلا بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ۋە مەتبۇئاتلاردا تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلگەندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى بىر قىسىم بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇددا دىنىي جەمئىيەتلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىگە خەت يوللاپ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تايلاند دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشقا ۋە بۇددا دىنىي ئەقىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن سېئىجى ئاروما خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ:« مەن ئىشىنىمەنكى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېتەرلىك خىزمەت قىلىپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى، ياپونىيە خەلقئارادىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى» دېدى.
2014-يىلدىن بۇيان «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن سەۋەب بىلەن تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلار 300 دىن ئاشقان. بۇلاردىن ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 170 تىن ئارتۇق كىشى 2015-يىلى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما، تايلاند ھۆكۈمىتى شۇ يىلى يەنە 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ، دۇنيا خاراكتېرلىك ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.