تايلاند مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ خادىمى: «بىز راشىدنى چۆپلۈكتىن تۇتۇۋالدۇق»
2017.07.27
تايلاند نوڭكھاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2015-يىلى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن قاچقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر گەرچە جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە مۇساپىرلار ئىدارىسىگە قايتۇرۇلۇپ بېرىلمىگەن ۋە شۇنداقلا داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نوڭكھاي رايونلۇق مۇساپىرلار ئىدارىسىگە بېرىپ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر مەسئۇل خادىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باڭكوك مۇساپىرلار ئىدارىسىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەسئۇل خادىم باڭكوك نوڭكھاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدىكى راشىد ھاشىم ھەققىدە توختىلىپ: «راشىد ھاشىم 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى توققۇز نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە تايلاند نوڭكھاي مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن قېچىپ كەتتى. نوڭكھاي مۇساپىرلار ئىدارىسى خادىملىرى، غەيرىي بىر كىشىنىڭ قول تېلېفونى سېتىۋالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا يۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال يەرلىك ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە جىددىي تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى نوڭكھايدىكى شورۇم تويوتا شىركىتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان پويىز ئىستانسىسى يولى ئەتراپىدىكى چۆپلۈك يەنى راشىدنى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن تۇتۇۋالدۇق. ئۇ لاگېردىن قېچىپ 23 كۈن بولغاندا تولىمۇ تەسلىكتە قولغا چۈشتى. بىز تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ لاگېردىن قاچقان 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق» دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، نوڭكھاي مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن راشىد ھاشىم بىلەن بىرلىكتە قاچقان توققۇز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر كۈن ئىچىدىلا قولغا چۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەسئۇل خادىم بىزنىڭ: «بۇلار نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن قاچىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «مۇساپىرلار ئىدارىسى مەسئۇللىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەپ قاچقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى» دېدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن، باڭكوكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەخسۇس ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇساپىرلار ئىدارىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى خىتايدىكى مەلۇم جايلارنى پارتلىتىش ئۈچۈن بومبا قويغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات-دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
نوڭكھايدىكى مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرىدىن قاچقان 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان مەسئۇل خادىم: «10 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا سوت قىلىنىپ، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى لاگېردىن قاچقانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى» دېدى.
10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، «نېمىشقا ھازىرغا قەدەر ئۇلار مۇساپىرلار ئىدارىسىگە قايتۇرۇلۇپ بېرىلمىدى؟» دېگەن سوئالىمىز ئۈستىدە توختالغان مەسئۇل خادىم: «ئەسلىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، مۇساپىرلار ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنىشى ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنى بويىچە باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، نېمە سەۋەبتىندۇر، ھازىرغىچە ئۇلار مۇساپىرلار ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلمىدى. مەنمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئۇلار ھازىرمۇ ئوخشاشلا تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ سىرلىق ئەھۋال» دېدى.
تايلاند باڭكوكتىكى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزگە بىرلىكتە قاتناشقان باڭكوكتىكى مەلۇم بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇل بېكىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە توختالدى.
بىز بىر قانچە قېتىم تايلاند باڭكوك ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ، تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىمىزنى سۇنغان بولساقمۇ، بىراق دائىرىلەر تا ھازىرغىچە «يۇقىرىدىن بۇيرۇق كەلمىدى» دېگەن باھانە بىلەن تەكلىپىمىزنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 60 دىن ئوشۇق بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسى جايلاردىكى تۈرمىلەرگە قامالغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.