خىتاي قاماقخانىلىرىدىكى ئومۇملاشقان خورلاش ئۇسۇلى-ھاجەتخانىغا كىرگۈزمەسلىك

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوچىدا پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست، قەشقەر.
كوچىدا پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AP Photo/David Wivell

تۈركىيەدىن رادىيومىزغا تېلېفون ئارقىلىق مەلۇمات بەرگەن ئابدۇلھېكىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى 2009-يىلىدىكى ‏5 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى قارا قويۇق تۇتۇلغان گۇماندارلار قاتارىدا، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىغا سولانغانلىقىنى، سولاقخانىدا 22 كۈن تۇرۇش مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ شۇنداقلا باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئوخشاشلا تەرەت سۇندۇرۇشى چەكلىنىشتەك، ئاجايىپ ئېغىر خورلۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشىغا قەستەن رۇخسەت قىلماي، چەكلەش، ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قىيناشنى، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋالغان. بۇ، سولاقخانىلاردا ھەر قانداق ئۇيغۇر تۇتقۇن، كۈندە، ھەر ۋاقىت، مۇقەررەر يۈزلىنىدىغان بىر قىيىنچىلىق ئىكەن.

ئابدۇلھېكىم گەرچە گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدە ۋاقتىدا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى سەۋەبلىك ئېغىر ھالدىكى مەزى بېزى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھەمدە تا ھازىرغىچە داۋالىنىپ تېخى ساقىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈرمىدىن ساق چىققان ئادەم يوق» دېگەن ئابدۇلھېكىم ئەپەندى يەنە، مەھبۇسلارنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىغا، تۈرمىدىكى ناچار مۇھىت ۋە شارائىتتىن باشقا نورمال ئىنساندەك تەرەت قىلىشىنىڭمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدەك، چەكتىن ئاشقان زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، گەرچە بۇ خىل قىيناش ئۇسۇلى بەدەن سىرتىدا ئىز قالدۇرمىسىمۇ، ئەمما بۇ، ھەر قانچە غۇرۇرلۇق، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغان مەھبۇسنىمۇ ئىچىدىن ئېغىر زەخمىلەيدىغان ھەمدە خورلۇق ھېس قىلدۇرۇپ، نومۇستا قويىدىغان، روھىي جەھەتتىمۇ چوڭقۇر زەربە بېرەلەيدىغان يوشۇرۇن ۋە قەبىھ خورلاش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.

3 ئاي ئىلگىرى قارىمايدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن قۇتۇلۇپ قازاقىستانغا يېنىپ كەلگەن شاھىت ئۆمۈربەكمۇ، قازاقىستاندا ئۆزىنى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە سۈيدۈك يولىدا پەيدا بولغان كېسەللەرگە، تۈرمە ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۇزۇن «مەزگىل نورمال چوڭ-كىچىك تەرەت قىلالماسلىق سەۋەب بولغان» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ساغلام بىر ئىنسان كۈندە 4 سائەتتىن 6 سائەتكىچە ئارىلىقتا چوقۇم بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىشقا، 24 سائەتكىچە كەم دېگەندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشقا موھتاج. ئەگەر بۇ ئېھتىياجى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن ئىچكى ئەزالار زەھەرلىنىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار.

ئۇنداقتا، مەھبۇسلارنى چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشتىن قەستەن توسۇش، خىتايدىكى تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان قىيناش ئۇسۇلىمۇ؟ ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارنى بۇ خىل قەبىھ ۋاسىتە ئارقىلىق قىينىشى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلاردىن جاۋاب ئېلىش مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا بىز بۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىنقى يىللاردا چەتئەلگە چىققان سابىق ساقچىلار ئارقىلىق بولسىمۇ دەلىللەشكە تىرىشتۇق. ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سابىق ساقچى، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان يولۋاس ئەپەندى، مەيلى ساقچىخانا بولسۇن، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ياكى تۈرمىدە بولسۇن، مەھبۇسلارنى ھاجەتخانىغا كىرىشتىن توسۇشنىڭ ساقچىلاردا ئادەتكە ئايلانغان قىيناش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىگە ئىسپاتلىق بەردى.

سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ساقچىلارنىڭ قوللانمىلىرىدا ياكى قانۇنلاردا ۋە تۈرمە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدىمۇ بۇنداق بىر چەكلىمە ياكى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل ئىنسانىيەتكە خىلاپ قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرى ئومۇملاشقان ۋە ئادەتكە ئايلانغان. بۇ خىل قىيىن-قىستاق سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېسەل بولغان مەھبۇسلار ئاقلىنىپ چىققاندىن كېيىن، دەۋا قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ھازىرغىچە تېخى، بۇنى خورلاشقا ئۇچراش دېلوسى سۈپىتىدە ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالىغان بىرىمۇ يوق. چۈنكى، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتىكى ئەدلىيە تۈزۈملىرى ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس.

كۆزەتكۈچىلەر ئىنساننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدەك ئەڭ ئەقەللىي فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجى بولغان ھاجەتخانىغا كىرىشىنى كونترول قىلىشنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەر، قاماقخانا ھەتتا نۆۋەتتە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ نام بېرىلگەن شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمىلەردىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇر ۋە دەلىللەرنىڭ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشتا مۇھىم پاكىتلىق رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت