خىتاي ماقۇللىغان خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇن 104-ماددىسىغا بولغان نارازىلىق دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.11.07
li-fey-xongkong-qanun.jpg خىتاي قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى لى فېي خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 7-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 104-ماددىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا باشلانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى كۈچىيىپ، ساقچىلار بىلەن خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمىدە، خوڭكوڭدا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا بەلگىلەنگەن قەسەم قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىكار قىلىنىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلىنىشى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە خوڭكوڭ ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا مەزكۇر قانۇن بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىشى سەۋەبلىك خوڭكوڭدا دېموكراتىيە چەمبىرىكىنىڭ تارىيىشى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

خوڭكوڭ ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە ئەتىگەن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 104-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن قاراردىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى مەمۇرى باشلىقى لياڭ جىنيىڭ مەزكۇر قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن باشلانغان نارازىلىق نامايىشى بارغانچە كېڭىيىپ، 7-نويابىر كۈنى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋەقەلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن ئىزاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خوڭكوڭ ئاھالىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭغا قارىتا بېكىتكەن «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 104-ماددىسىدىكى خوڭكوڭ پالاتا ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى «جۇڭگو خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش» دېگەندەك بەلگىلىمىلىرىنى تەنقىدلەپ، «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ 104-ماددىسى ئىزاھاتى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە چەمبىرىكىنى يەنە تارايتتى» دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭنى باشقۇرۇشقا قارىتا ئاساسىي قانۇننى بېكىتكەندىن بۇيانقى بەشىنچى قېتىم ئىزاھات چىقىرىشى ئىكەن. 7-نويابىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل قانۇن لايىھەلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ۋەدە قىلغان بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىدىكى خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزىدىكى خەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە چەمبىرىكىنىڭ يەنىمۇ تارىيىشىدەك ۋەزىيەتنىڭ، نامدا ئاپتونومىيە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا بۇندىن كېيىنكى باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولۇشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭ فاجەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خوڭكوڭدا ھازىر مۇستەقىللىق تەلىپى كۈچىيىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مەركىزىي ھۆكۈمەت خوڭكوڭلۇقلاردا نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىدىكى سەۋەبنى ئاۋۋال ئۆز سىياسىتىدىن ئىزدىشى كېرەك. مەيلى خوڭكوڭلۇقلار مۇستەقىللىق يولىنى تاللىسۇن ياكى خىتاي دۆلىتى بىلەن بىللە تۇرۇش يولىنى تاللىسۇن، بۇ ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭ خەلقى ئۆزى بېكىتىدىغان ھوقۇق. شۇڭا كىشىلەرنى قەسەم بېرىشتە مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. مەن ئەلۋەتتە خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن، لېكىن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خوڭكوڭدا دېموكراتىيە چەمبىرىكىنىڭ تارىيىشى، 60 يىلدىن بۇيان قاتتىق باستۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خوڭكوڭدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەنپەئەتدار لياڭ جېنيىڭ قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بىر تۈركۈم سودىگەرنى ئاساس قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق گۇرۇھ بىلەن خوڭكوڭدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالدا خوڭكوڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىدە دېموكراتىيە چەمبىرىكىنىڭ بارغانچە تارىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكى شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى كاپىتالىستلارغا ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا ئاپتونومىيە قۇرۇلغانلىقىنى دەسلەپ جاكارلىغان چاغدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئەگەر خوڭكوڭ خەلقى ئۆز قانۇنىي ھەقلىرىنى كۈرەش يولى بىلەن ئالمىسا، خوڭكوڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.