ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇمانلىق 3 كىشى بۇ يىل 8 -ئايدا ئامېرىكىغا كىرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان.
پرېزىدېنت ئوباما تېررورلۇققا قارشى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرىپ، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئامانلىقنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇدى. نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئاممىۋى سورۇن، ئايرودروم ۋە يەر ئاستى پويىزى قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پويىز بېكىتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا ئامانلىق كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى كەچتە تېررورلۇق ھۇجۇم تەھدىتىدىن خەۋەر تاپقان. نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بلۇمبېرگ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەھدىتىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى چارشەنبە كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ يىپ ئۇچىدىن خەۋەر تېپىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە باشلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى بۇ يىل 5-ئايدا ئەلقائىدە رەھبىرى ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ قولغا چۈشەرگەن ماتېرىياللاردىن، ئەلقائىدىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىقىدا تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىدىن ۋاقىپ بولغان ئىكەن.