ئەنگىلىيە "يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ۋە خىتاي گۇۋاھچىلار ئات بەيگە مەيدانىدا تاڭ ئاتقىچە ئوق ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
شاۋكەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، 5 - ئىيۇل كېچىدە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ: "مەن ئېتىلداق بىلەن پىلىموتنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرەلەيمەن. ئوق ئاۋازىنى كېچىچە ئاڭلىدىم. ئەمما قېرىنداشلىرىمىزدىن قانچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە قانچىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز" دېگەن.
بىر خىتاي ئايال، ئۆزىنىڭ باستۇرۇش جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە: " ئۇلار پۈتۈن رايوننىڭ توكىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، بېرىپ ئۇلارغا تېگىش قىلدى. ئوق كېچىچە ئېتىلدى،" دېگەن. ئۇ يەنە، توك كېسىۋېتىلگەن بولغاچقا جىق كۆرەلمىگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
مۇخبىر يەنە، ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مەخپىي ھالدا قۇملۇققا كۆمۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە سۆز - چۆچەك بارلىقىنى، لېكىن ھېچكىمنىڭ بۇنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى يازغان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى 12 ئادەمنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، 5 - ئىيۇل كېچىدە توكنى كېسىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە كېچىچە ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
