سوتچىنىڭ باياننامىسىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇڭ ئامېرىكىنىڭ Boeing نامىدىكى ئاۋىئاتسىيە ۋە ھەربىي سانائەت شىركىتىدە ئىشلەش داۋامىدا، شىركەتتە مەخپىي ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ماتېرىياللاردىن 225 مىڭ ۋاراق ماتېرىيالنى ئۆيىدە ساقلىغان.
سوتچى دوڭ فەنچۇڭنىڭ خىتايغا ئېنىق قايسى ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆيىدە ساقلانغان ماتېرىياللارنىڭ جاسۇسلۇقتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوڭ فەنچۇڭ بولسا ئۆزىنىڭ سادىق بىر ئامېرىكا ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ماتېرىياللارنى پەقەت كىتاب يېزىش ئۈچۈن توپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە سوتچىدىن ئۆزىنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئائىلىسى بىلەن خاتىرجەم ياشىشىغا ئىجازەت بېرىشنى سورىغان.
سوتچى ياشانغان بىر كىشىگە ئېغىر جازا بېرىشنىڭ بىر سوتچى ئۈچۈن ئاسان قارار ئەمەسلىكىنى، شۇنداقتىمۇ جاسۇسلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن 15يىللىق قاماققا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلاپ بېكىتىشىچە، دۇڭ فەنچۇڭ جاسۇسلۇقنى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا يەنى، ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈپ 5 يىلدىن كېيىن باشلىغان. ئۇنىڭ قىلمىشى 2006 - يىلى بايقىلىپ قولغا ئېلىنغان؛ 3 يىلدىن ئارتۇق ئېنىقلاشتىن كېيىن، ئاخىرقى سوتتا 15 يىل 8 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.