سىنئالغۇغا ئېلىنغان بايانات جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ yuotube سىنئالغۇ تور بېكىتىگە چاپلانغان بولۇپ، باياناتتا "قوماندان سەيفۇللاھ" تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ " تېررورچى" ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى، لېكىن تىزىملىكتىكى 5 كىشىنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان رەسىملەردىكى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىسمى، خىتاينىڭ تىزىملىكىدىكى ئىسىملار بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
"قوماندان سەيفۇللاھ" باياناتتا يەنە، خىتاي ج خ خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى "تېررورچى " دەپ ئېلان قىلغان تىزىملىكتىكى بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن پەقەت "سالاملىشىپلا قويغان" كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئولىمپىك ھارپىسىدا ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتتا گۇيجۇ، گۇاڭشى ۋە شاڭخەيدىكى پارتلاش ۋەقەلىرىگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ " تېررورلۇق"بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى 2 - تۈركۈمدىكى شەرقىي تۈركىستان " تېررورچىلار"تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، مەمتىمىن تۇرسۇن، ئەمەت ياقۇپ، مەمەت تۇرسۇن ئىمىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشىنى "تېررورلۇق " بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.