ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى ئادەمسىز ئالەم كېمىسى يېقىندا سىناق قىلىنىدۇ

ئامېرىكا ئالەم تەتقىقاتى ئىدارىسىنىڭ پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تەييارلىغان خ-37ب بەلگىلىك ئادەمسىز ئالەم كېمىسى يېقىندا سىناق قىلىنىدۇ.

بۇخىل ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىسىز تۇنجى ئالەم كېمىسى بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يۈكچى بولۇشتىن ئۇرۇشچى بولۇشقا، چوڭلىقتىن كىچىكلىككە ۋە ئىنتايىن تېز سۈرئەتلىككە تەرەققى قىلدۇرۇلغانلىقى ھەم لاكخت مارتىن شىركىتى ئىشلىگەن ئاتلاس 5 بەلگىلىك راكېتا بىلەنمۇ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغىلى بولىدىغان قولايلىقلىقى ياكى يەر يۈزىدە خالىغان ئايرۇدرۇمغا قوندۇرغىلى بولىدىغانلىقى بىلەنمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا تۇنجى ياسىلىپ سىناق قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇخىل ئادەمسىز ئالەم كېمىسىدىن ئىبارەت بۇ پەن-تېخنىكا يېڭىلىقى، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئالەمشۇمۇل ئۇرۇشلاردا تەڭداشسىز رول ئوينايدىغانلىقى بىلەنمۇ تېخىمۇ ئەتىۋارلانماقتا.