21 تالىبان مىلىتانى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە 21 تالىبان مىلىتانى ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.04

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىت كارزاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى جىددىي توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

تالىبانلار نىڭ باياناتچىسى قارى يۈسۈپ ئەخمەدى، ئافغانىستاندا چەتئەل ھەربىي قىسىملىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنداقلا سۆھبەتتىن بۇرۇن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سەمىمىيىتىنى ۋە ياخشى نىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈرمىدىكى بارلىق تالىبان تەرەپدارلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىت كارزاي، ئەگەر تالىبانلار ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكىتىنى توختاتسا، پۈتۈن تالىبان جەڭچىلىرىنى ھەتتا تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ ئارىدا جۈمە كېچىسى ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇق ئايروپىلانى تەرىپىدىن پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىغا جايلاشقان مۇھەممەت خېل يېزىسىدىكى بىر ئۆيگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 21 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىكەن.

روئېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستان رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ سۈزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە قايسى دۆلەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەرەپ مىلىتانتلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.