ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ بۇ قانۇن ئورگىنى يېقىندا، ئافغانىستان مەدەن مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم ئادىلنىڭ 2007 - يىلى 12 - ئايدا، ئايناق رايونىدىكى مىس كاننى خىتاي مېتاللۇرگىيە شىركىتىنىڭ ئېچىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر قېتىملىق سودىدا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سۈيۈنچى ئالغانلىقىنى پاش قىلدى.
ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي شىركىتى بۇ پۇلنى ئافغانىستان مەدەن مىنىستىرىگە دۇبەيدە بەرگەن. ھازىر ئافغانىستاندا خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش باشلاندى.
ئافغانىستان ئەدلىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق ئالوكو ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مۇستەقىللىق گېزىتى'دە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ 'بىز ھازىر بەش نەپەر مىنىستىرنىڭ خىيانىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىككىسى كابىنېت ئەزاسى، بۇلارنىڭ جىنايى پاكىتلىرى تۇلۇق. پرېزىدېنت كارزاي قوشۇلسىلا بۇ كىشىلەر سوتلىنىشقا باشلايدۇ' دەپ جاكارلىدى.