ئالمۇتىدا يۈزلىگەن ئۆكتىچى نامايىش قىلدى

شەنبە كۈنى ئالمۇتىدا يۈزلىگەن ئۆكتىچى نامايىش قىلىپ، ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي قازاقىستاندىكى نامايىشقا چېتىلىپ جازاغا تارتىلغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.04.28

ئۆتكەن يىلى قازاقىستاننىڭ ژاناۋزەن نېفىت رايونىدا يۈزلىگەن كىشىلەر نامايىش قىلىپ خىزمەت ۋاقتى ۋە مائاش پەرقىدىكى ناھەقچىلىكلەرگە دائىرىلەردىن جاۋاب ئىزدىگەن.

ھالبۇكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى «لۈكچەكلەر» دەپ ئاتاپ نامايىشنى باستۇرغان. كېيىن نامايىش قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

شەنبە كۈنى ئالمۇتا مەركىزىي تىياتىرخانا ئالدىغا يىغىلغان 800 ئەتراپىدا نامايىشچى ئۆتكەن يىلدىكى نامايىشتا تۇتۇلغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار «نېفىت ئىشچىلىرىغا ئەركىنلىك»، «سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.