ئامېرىكا ئالي سوتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش تەلىپىگە قاراپ چىقىشنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار بەش بۇرجەكلىك بىنا پانتوگوننىڭ بۇ كىشىلەرنى ئامېرىكا ئۇچۇن تەھدىت ئەمەس دەپ بېكىتكەن قارارىغا ئاساسەن بولدى.

ئالىي سوت، ئامېرىكىنىڭ دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئېلان قىلغان كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىگە دەسلەپ قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇلتۇر 10 - ئايدا فېدېرال سوتنىڭ باش سوتچىسى ئوربنا قاتارلىقلار بۇ كىشىلەر گۇناھسىز دەپ قارالغان ئىكەن، ئۇ ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بوش ھۆكۈمىتى سوتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،سوتچى ئوربىنانىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر دۆلەت تېپىشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلاردىن 4 نەپىرى بېرمۇدا تاقىم ئارال دۆلىتىگە بېرىپ بولغان بولۇپ، تىچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىمۇ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى قالغان ئۇيغۇرنىڭ 6 سىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.