ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرى لوك خىتاينى تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى گەرى لوك 29-ئۆكتەبىر كۈنى،ئامېرىكىنىڭ تور مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە پىكىر بايان قىلىپ، تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
2012-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گەرى لوك ئۆتكەن ئايدا تىبەتلەردە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى بىر قىسىم مۇناستىرلاردا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن ئۆتكەن ئايدا سىچۈەننىڭ ئابېي رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشتۇم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەتلەرگە قويۇلغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان تىبەت سىياسىتىنى قايتا تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تىبەتلەر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۆيدۈرۈرۈۋالغان تىبەتلەر سانى 60 تىن ئاشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت