خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم بىلەن، ئامېرىكىنىڭ 30 يىلىدىن بېرى يادرو تىجارىتىدە ھىندىستانغا قارىتا يولغا قويۇپ كەلگەن چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا - ھىندىستان يادرو كېلىشىمى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلىدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى شۇنىڭدەك بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان سىياسىتىدىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىشنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، 1974 - يىلىدىن تارتىپ، يەنى ھىندىستان تۇنچى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستانغا ھەرقانداق يادرو تېخنىكىسى سېتىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
